ھىلارىي كلىنتون ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم 14 - دېكابىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورجى تاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ 21 - ئەسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

ھىلارى كىلىنتون خانىم نۇتقىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى قۇرۇلغان 233 يىلدىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تاشقى سىياسىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

"بىز 21 - ئەسىر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى لايىھىسىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا تۈزۈپ چىقتۇق. 1 - قەدەمدە ئالدى بىلەن خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا كۆزىتىش ئېلىپ بارىمىز. ئامېرىكا مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتماقتا. 233 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق. كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ھەر ۋاقىت بىر بىرىنى تولۇقلاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەمما ھازىر بىز يۈزلىنىۋاتقان رېئاللىق بۇنداق بولمايۋاتىدۇ، بىز تەرەققىياتنى تەكىتلەش بىلەن بىللە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك. بىز ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيمىز."

ھىلارى كلىنتون خانىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا، بۇ مەسىلىنى 4 نۇقتىغا بۆلۈپ بايان قىلدى. ھىلارى كلىنتون خانىم ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

"ئالدى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى شەرتلەرگە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پۇقرا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. پرېزىدېنت ئوباما ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 2 - كۈنىلا ھەرقانداق بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ياكى دۆلەت ئورگىنىنىڭ پۇقرالارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللىنىشىنى چەكلىگەن ھەم گۈئەنتانوما تۈرمىسىنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىز دۆلىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنىمىز، بۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بىزدەك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئۆزىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلايمىز. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭمۇ بىر قىسمى، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىمىز."

ھىلارى كىلىنتون خانىم ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى مەسىلىسىنى 2 - نۇقتىدا بايان قىلىپ، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

"ئىككىنچىدىن، بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنىپ، ھەر خىل قارشىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشكە تىرىشىمىز. بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز. خىتايغا نىسبەتەن بىز خىتاينى تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىمىز؛ خىتايدا پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز؛ شۇنداقلا خىتايدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ئۆز تەشەببۇسلىرىنى تەرغىب قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان قاراشتىكى ئىسلاھات تەشەببۇسلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغۇچى كىشىلەرگە، يەنى 2008 - يىللىق قانۇن تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى لىئۇ شياۋبو قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىتايدا قانۇنىي جازاغا تارتىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىمىز."

كىلىنتون خانىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزىنىڭ ئۈچىنچى نۇقتىسى سۈپىتىدە بايان قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

" ئۈچىنچىدىن، بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىمىز زۆرۈر.1995 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا مەن ‘كىشىلىك ھوقۇق دېمەك ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى دېمەك كىشىلىك ھوقۇق’ دېگەن ئىدىم، ئەمما ھېلىمۇ بەزى دۆلەتلەردە ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ئېزىلىۋاتىدۇ، بىز، ئاياللارنىڭ ھەقىقىي ھالدىكى كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك."

كىلىنتون خانىم كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

"بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىمىزنىڭ تۆتىنچى نۇقتىسى، يەنى ئاخىرقى نۇقتىسى، كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يەنى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە كۈرەش قىلىش. بىز كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە بولۇۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراۋاتقان، پۇقرالار ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىدا ياشاۋاتقان جايلاردا، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە، بارلىق ئىقتىدارىمىز ۋە كۈچىمىز بىلەن بۇ جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز."

ھىلارى كلىنتون خانىم، نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ 4 نۇقتىنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغىلا ياردەم بېرىپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بارلىق مۇستەبىتلىك، چىرىكلىك ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.