كلىنتون خانىم نۇتقىدا، بارلىق دېموكراتلارنى ئۆز پارتىيىسىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش ئالدىدا تۇرغان براك ئوبامانى قوللاشقا چاقىردى.
قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى خىلارىي كلىنتون خانىمىنىڭ 26 - ئاۋغۇست كەچتىكى نۇتقىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈشكەن ۋە كلىنتون خانىمىنىڭ شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بايانات بېرىدىغانلىقىنى كۈتۈشكەن ئىدى.
كلىنتون خانىمنىڭ بۈگۈنكى نۇتقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نيۇ - يورك شتاتلىق دېموكراتلار ۋەكىلى ھەمدە نيۇ - يورك شتاتىغا جايلاشقان سكەنەكتەدي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە كلىنتون خانىمنى قوللاپ بىلە تاشلىغان ئالىي ۋەكىل برايىن ستراتون، گەرچە كلىنتون خانىمنىڭ نامزات بولۇپ سايلىنالمىغانلىقىدىن ئۇنىڭ باشقا قوللىغۇچىلىرىغا ئوخشاش كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز پارتىيىسىنى مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باراك ئوبامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كلىنتون خانىمدىن بۈگۈن كەچتە قانداق سىگنال كۈتۈدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەنلەرگە قىسقىغىنا رەھمەت ئېيتىشىنى كۈتىمەن ھەمدە مەن يەنە ئۇنىڭدىن ئىنتايىن كۈچلۈك ۋە كەسكىن ھالدا نېمە ئۇچۇن بۇ دۆلەتنىڭ ئۆزگىرىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ باراك ئوبامانى قوللىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە بايات بېرىشىنى كۈتىمەن."
يۇقىرىقىسى مىشىگان شتاتى يۇرىن ئوبلاستى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كېن پېشەت بولۇپ، ئۇ خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان نۇتۇق ئېلان قىلىشىنى، ھەمدە مكېيىن ئەپەندىگە نىسبەتەن قاتتىق تېگىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دەرۋەقە خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ بۈگۈنكى نۇتقى " بىرلىك"نى باش تېما قىلغان ئىدى. خىلارىي كلىنتون خانىمنى ئۇنىڭ قىزى چەلسىي كلىنتون تونۇشتۇردى، خىلارىي كلىنتون نۇتۇق سەھنىسىگە چىققاندا ئالقىش سادالىرى بىر نەچچە مىنۇت داۋام ئەتتى.
كلىنتون خانىم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىر پەخىرلىك ئانا، پەخىرلىك دېموكرات ۋە نيۇ - يوركنىڭ پەخىرلىك پالاتا ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆز پارتىيىسىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىدىغان باراك ئوبامانىڭ پەخىرلىك قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۇ نۇتۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " دوستلار، بىز سۆيگەن ئانا ۋەتەننى قايتۇرۇۋالىدىغان پەيت كەلدى. مەيلى سىلەر ماڭا بىلەت تاشلىغان بولۇڭلار، ۋە مەيلى باراك ئوباماغا بېلەت تاشلىغان بولۇڭلار، بىرلىككە كەلگەن پارتىيە ۋە ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن بىرلىككە كېلىدىغان پەيت كەلدى."
كلىنتون خانىم يەنە بۇ قېتىمقى پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ مۇھىملىق ئۈستىدە توختىلىپ: " بىز ھەممىمىز ئوخشاش سەپتە. ھېچقايسىمىز چەتتە قاراپ تۇرالمايمىز. بۇ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان كۈرەش ھەمدە بىز ئۇتمىساق بولمايدىغان كۈرەش."
كلىنتون خانىم بۇ قۇرلارنى سۆزلەپ ئۆتكەندە پەپسىي مەركىزىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. ئالىي مېھمانلار سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون، باراك ئوبامانىڭ خانىمى مىشېل ئوباما، ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا تاللانغان پالاتا ئەزاسى جو بايدىن قاتارلىقلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇزاققىچە چاۋاك چېلىشتى، قارىماققا سابىق پرېزىدېنت ۋە خىلارىي خانىمنىڭ يولدىشى بىل كلىنتون تېخىمۇ ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى.
خىلارىي كلىنتون خانىم ئۆزىنىڭ 35 يىلدىن بۇيان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن، ئۇنىۋېرسال سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بۇ كۈرەشلىرىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت سارىيىدا يەنە بىر جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنتنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى : " ئۆتكەن 18 ئاي جەريانىدا ياكى ئۆتكەن 8 يىل جەريانىدا سىلەرنىڭ قىلغان قاراشلىرىڭلارمۇ مەغلۇپ بولغان يىپەكچىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلەش ئەمەس ئىدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مكېيىننى پرېزىدېنت قىلىشقا بولمايدۇ. باراك ئوباما مېنىڭ كاندىداتىم ھەمدە ئۇ بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىز بولۇشى كېرەك."
كلىنتون خانىم نۇتقى داۋامىدا باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئارزۇ - ئۈمىدى ئۇچۇن كۈرەش قىلىدىغان پرېزىدېنت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ يېنىدا مىشېل ئوبامادەك ياردەمچىسى ۋە جو بايدىندەك بەردەم، ئاقىل ھەمدە تەجرىبىلىك مۇئاۋىن پرېزىدېنت بارلىقىنى كۆرسەتتى.
كلىنتون خانىم نۇتقى ئاخىرىدا نيۇ - يوركلۇق ئېزىلگەن قۇللارنى تومۇر يول تونىللىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ يورۇقلۇققا چىشىغا يول ئىزدىگەن خەرىيەت تۇبمەن خانىمنىڭ قۇللارغا ئەركىنلىك ئىزدەش ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئەركىنلىككە پەقەت داۋام كۈرەش قىلغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بۇنىڭ دېموكراتلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە تۇبمەن خانىمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: " ئەگەر ئىتلارنىڭ ئارقىڭىزدىن قاۋىغان ئاۋازنى ئاڭلىسىڭىزمۇ، قۇلدارلارنىڭ ئارقىڭىزدىن ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىزمۇ، قاراڭغۇ ئورمانلاردا ئۇلارنىڭ مەشئەللىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭ، ھەرگىز توختىماڭ. ئەگەر سىز ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى ئازراق بولسىمۇ تېتىيمەن دېسىڭىز داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىڭ."
خەرىيەت تۇبمەن خانىم ئافرىقا قان تىپىدىن بولۇپ، ئۇ 1820 يىلى نيۇ - يوركتا تۇغۇلغان. ئۇ ئەينى زاماندا قۇللارنى قۇتقۇزۇش يەرئاستى ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە ئىچكى ئۇرۇش داۋامىدا ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلغان جەسۇر ئايال. خەرىيەت تۇبمەن خانىم 1913 - يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك كۈرەشلىرى ۋە جاسارىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئەسلەنمەكتە.
كلىنتون خانىم ئاخىرىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ يول ئېلىشتىن ئىلگىرى باراك ئوبامانى پرېزىدېنت قىلىپ سايلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
خىلارىي كلىنتون خانىم ئاخىردا مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى": بالىلىرىمىزغا پارلاق كەلگۈسى يارىتىش، ۋە ئۇلارغا ئىرادىلىك ئادەملەر ئۈچۈن تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇرلۇق، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق، بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان ئېگىزلىك يوق ئىكەنلىكىنى، خۇداغا ۋە بىر - بىرىمىزگە ئىشىنىشنى ئۆگىتىش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز."
بۈگۈنكى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كلىنتون خانىمنىڭ نۇتقىدىن رازى بولغاندەك ھەمدە ئۇ يەتكۈزمەكچى بولغان " بىرلىك" سىگنالىنى قوبۇل قىلغاندەك قىلاتتى.
كلىنتون خانىمنىڭ نۇتقىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ۋە ئۇ يەتكۈزگەن سىگنالنىڭ ئۆزى كۈتكەندىنمۇ كۈچلۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالياسكا شتاتى ئاكۇتا ناھىيىلىك دېموكراتلار پارتىسى ۋەكىلى پامېلا مارش خانىم كلىنتون خانىمىنىڭ بىر سالاپەتلىك ھەمدە دېموكراتلار پارتىيىسىگە نىسبەتەن ھۆرمىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنى قوللاپ بىلەن تاشلىغانلىقىنى، گەرچە خىلارىي خانىم نامزات بولۇپ تاللىنالمىغان بولسىمۇ، ئۇنى قوللىغۇچى بارلىق ئاياللارنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن براك ئوبامانى قوللىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
خىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ نۇتقى ئۈستىدە توختالغان جورجىيە شىتاتىدىن كەلگەن دېموكراتلار ۋەكىلى داۋىد جەررى ئەپەندى مۇنداق دېدى: " دۆلەتنىڭ يەنە تۆت يىل ئوخشاش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، ھەممەيلەننىڭ براك ئوبامانىڭ قوللىشىمىز كېرەكلىكى ھەمدە ئامېرىكا چۈشىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ھەممەيلەنگە ئورتاق ئىكەنلىكىگە پۇرسەت يارىتىشتىن ئىبارەت ئۇچۇرنى ھېس قىلدىم."
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى دۆلەتلىك ۋەكىللەر چوڭ قۇرۇلتىيى داۋام قىلماقتا. بۈگۈن بۇ قۇرۇلتاي 3 - كۈنىگە قەدەم قويدى. بۈگۈن يەنە 27 - ئاۋغۇست كەچتە جو بايدىننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىقىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۈگۈن كەچقۇرۇن يەنە بىل كلىنتون نۇتۇق سۆزلەيدۇ.