ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ، ئاياللارنى خۇددى تېخى ئېچىلمىغان بايلىق غەزىنىسىگە ئوخشاتقانلىقى، ئاياللارنىڭ ھەر خىل تالانتقا مۇناسىپ بولۇشتىن سىرت، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا ئاياللارنى يېتىشتۈرۈش ساھەسىگە كۆپ مەبلەغ سالغاندا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانى ئېلان قىلىندى.
ھىلارىي خانىم سۆزىدە يەنە، بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە ئاياللاردا پەرزەنتلىرىنى قوغداش جاسارىتىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇقۇمۇشلۇق ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئاسانلىقچە كېسەلگە گىرىپتار بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئاچ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تېخىمۇ چوڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، ياخشى ئىدراە قىلىش ۋەزىيىتىگە ھەمدە دېموكراتىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىش، ئاياللار ئۈچۈن سېلىنغان مەبلەغ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئاياللارنى ھەر قايسى ساھەلەر بۇيىچە تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان كلىنتون خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ" :بىز ئاياللار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت لايىھىلىرىنى تۈزگەندە، ئاياللارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشىمىز كېرەك، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئايال كەسىپ ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ھەتتا دېھقان ئاياللارنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاياللىرىمىزنى قېرىنداش دۆلەتلەردە تەربىيىلەش پۈرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىگە ئېرىشەلەيمىز."
كلىنتون خانىم سۆزىدە دۆلەتتىن قەرز ئېلىپ ئۆزىنى تەربىيىلەش چارىسىنىڭ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ": ئاياللار مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان ئىشەنچلىك ئوبىكت، ئۇلار قەرز ئالغان پۇلنى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنى ھەتتا ئائىلىسىدىكى ئەزالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە ئاياللارنىڭ دۆلەتتىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش نىسبىتى"100% دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆزى ئۈچۈن خىراجەت قىلىدىغانلىقى، بىراق ئاياللارنىڭ بولسا، تاپقان پۇلىنى ئائىلىسى ئۈچۈن ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان .
كلىنتون خانىم بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق بىر ئوخشىتىشنى مىسال كەلتۈرۈپ" :ئاچلىق ئازاۋى چېكىۋاتقان كىشىگە بىر دانە بېلىق بەرسىڭىز، ئۇنىڭغا پەقەت بىر كۈنلا ياردەم بەرگەن بولىسىز، ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، ئۇ بىر ئۆمۈر قورسىقىنى باقالايدۇ، ھالبۇكى بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايال كىشىگە ئۆگەتسىڭىز، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاچلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولىدۇ،" دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.