د ئۇ ق «ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇسلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت بېرىش قارارى پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ»

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە، بۇندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مۇقىم نوپۇسلارغا ئوخشاشلا ھەر خىل ئىجتىمائىي كاپالەتلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قارارنىڭ پەقەتلا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقارغان قارادا، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچى ئاھالىسىگە ئوخشاشلا، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇتۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش، ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋالسا دۆلەتنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە شەرتى توشسا يەنە ئۈرۈمچىدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرگە قارىتىلغان تۆۋەن باھالىق ئېتىبار ئۆيلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

قارادا كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش ھەم ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرىمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

بەلگىلىمىدە 16 ياشتىن يۇقىرىلار ئەگەر ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتى 1 ئايدىن ئاشقان بولسا، كىملىكى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات قەغەزلىرى ئارقىلىق، ۋاقىتلىق تۇرۇش نوپۇسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، 16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئۇلارغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭدا ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكا، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت، داۋالىنىش، ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ بۇ خىل ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بېجىرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بەلگىلىمىدە ئۈرۈمچىدە بىر يىلدىن يۇقىرى تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەرتلىرى بەلگىلىنىپ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرار جايى، قانۇنلۇق مۇقىم تاپاۋىتى ياكى مۇقىم خىزمىتى بۆلىشى، ئۈرۈمچىنىڭ يەرلىك ياشانغانلار سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بۆلىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رىئايە قىلغان بۆلىشى شۇنداقلا جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە ساقچىلارنىڭ ئىسپاتى بۆلىشى ئالدىنقى شەرت قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقارغان بۇ قارارىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى قاراردا دېيىلگەن ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق تۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ «جىنايەت ئارخىپى بولماسلىق ھەم پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىش» شەرتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يەككە تىجارەت ۋە باشقا ھۈنەر-كەسىپلەر بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسى قويۇش ھەم پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە باشقا تەڭسىزلىك سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن مەجبۇرى ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى تەڭسىزلىكنى ئەيىبلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقارغان «ئۈرۈمچىدىكى كۆچمە نوپۇسلارغا ئىجتىمائىي كاپالەت بېرىش قارارى» دا نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان كۆچمە نوپۇستىكىلەر 917 مىڭ 632 دەپ، ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا مەجبۇرى قايتۇرغان ھەم ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى، داۋان يېزىسى ۋە تىك قۇدۇق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەھەللىلەرنى قايتا رەتلەش باھانىسىدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋېتىپ، ئاندىن يېڭىدىن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن بۇ خىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق بەلگىلىمىلىرىنى چىقىرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەكېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رىشىت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر شەرقىي تۈركىستانغا داۋاملىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش سىياسىتىنى توختاتمىسا، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.