گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدۇ رايونىدىكى سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزىلىرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان تۇرالغۇ جايلارغا كۆچۈپ بارىدىغانلىقىنى ھەم ئۇ يەردە يېڭى ھاياتىنى باشلايدىغانلىقىنى "گەنسۇ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان. بۇ خەۋەر " گەنسۇ ئىقتىساد گېزىتى" نىڭ 9-نويابىردىكى سانىدا بېرىلگەن.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەنسۇنىڭ ۋۇدۇ رايونىدىكى سەل ئاپىتىدىن كېيىن، رايوندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەر بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلگەن. بىڭتۇئەن تورىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدە، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بۇ يىل 9-10- ئايلاردا بىڭتۇئەننىڭ شىخەنزە، بورتالا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
"ئۇيغۇر بىز" تورىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ قېتىم ۋۇدۇ رايونىدىن كۆچۈشكە تەييارلانغان 2-تۈركۈم كۆچمەنلەرنىڭ 348 ئائىلە، 1243 كىشى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس، كۈنەس ۋە نىلقا ناھىيىلىرىگە ئورۇنلاشماقچى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە يەنە، ۋۇدۇ رايونىدىن بۇ يىل 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 320 ئائىلە، 690 كىشى ئوخشاش ئىمكانلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ياز پەسلىدىن باشلاپلا يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىدىغان خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تۇرالغۇ جايلار سېلىنىشقا باشلىغان. بىز ئىلى ۋىلايىتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، تېكەس، كۈنەس، نىلقا ناھىيىلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، بۇ يىل يازدىن بۇيان، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغا، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنىدىغان يېڭى كۆچمەنلەر ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆيلەر تەييارلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇق.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كۆچمەنلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ تەقسىم قىلىنغان. مەسىلەن غۇلجىنىڭ پەنجىم، دادامتۇ، ئارائۆستەڭ، يېڭىيەر قاتارلىق سۈيى ئەلۋەك يېزىلىرىدىكى ھەر بىر كەنتكە 10 ئائىلىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس، نىلقا قاتارلىق ناھىيىلىرىگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلىرى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان. ئەمما، غۇلجا ناھىيىسى ۋە غۇلجا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان كۆچمەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئۆيلەر سېلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بۇ ئۆيلەرنىڭ يېڭى ئىگىلىرى ھازىرغا قەدەر يېتىپ كەلمىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، گەنسۇدىن كۆچمەن يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ قەيەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئائىت ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار گەرچە ھازىر بۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ رادىئو تېلېۋىزور ھەم گېزىتلەردە بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق خەۋەرنى كۆرمىگەنلىكى ھەم ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 11-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئىلى رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قايتىدىن كۈچەيتىلگەن. شەھەرلەردە قاتناش ساقچىلىرى كۆپەيتىلگەندىن باشقا يېزىلاردىكى ساقچىخانىلارغا خەلق ئەسكەرلىرى نامىدىكى ئامانلىق قوغداش خادىملىرى سەپلىنىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. بىر قىسىم يېزىلاردا يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئاپەت رايونىدىن يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىدىغان خىتاي قوشنىلىرى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەققىدە تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 16-نويابىر، يەنى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئىلى ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
تېلېۋىزوردا بېرىلگەن بۇ خەۋەردە ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەردىن قۇربان ھېيت مەزگىلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت تور ئالاقىسىدە، رايوندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ھەم چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خەۋەر قىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلار قاتارىدا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىماسلىقى ھەم ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، پۇقرالارنى تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسىدە رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە رايون ۋەزىيىتىگە ئائىت پاراڭلارنى قىلماسلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا تەلەپ قىلىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك "مۇقىم ۋە تىنچ "ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتنى سول تەرەپ ئۈستىدىكى "قوراللار" كوزنىكىدىكى ئاۋازدىن ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00