ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ياشاش دائىرىسىنى تارلىتىۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى ئاستىدا كۆچۈۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشتۈرۈلۈشى نەتىجىدە ئادىل رىقابەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلە.
خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە پىلانلىق ھالدا كۆچۈرۈلۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش قانلىق بىر ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدە ئورتاقلاشقان ئىدى. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن دەرس ئېلىشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە، بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كۆچمەنلەرنى تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كۆچمەننى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقى، يېقىندا ئۇلارنىڭ 6 مىليون كۆچمەننى «يەرلىكلەشتۈرۈش» ئۈچۈن گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتى.
بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەقەمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ھازىر خىتايلارنىڭ سانىنىڭ يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەخمىن قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە جىددىي ئويغا سالىدىغان بىر ئەھۋال. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ ياكى نېمە قىلىشى كېرەك. بىز بۇ ھەقتە بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، پائالىيەتچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. ئالدى بىلەن بىز بۇ ھەقتە ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى چەتئەللەردىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئاز بىر قىسىم بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زوراۋانلىق ھەرىكىتى دېگەن ئىدىيىنى كۈچەپ ئالغا سۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئامىللارنى كۆرمەسكە سېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەرنىڭ ئىناق -ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئەمما يەنە بىر ياقتىن ھە دېسە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، داۋاملىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتتى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلەرگە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى ئىككىلەنمەي كۆچۈپ كېلىشكە ياكى ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك، دېگەن سوئالىمىزدا دەل مۇشۇ نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كۆچمەنلەر ئۈچۈن خەتەرلىك بىر جاي، دەيدىغان بىر كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەكىتلەپ ئۆتكەنكىدەك، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئارقىلىق بۇ مەسىلىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى قۇرۇلتاينىڭ بۇ ھەقتە ئىشلەپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە تېخى يېقىندا خىتايغا زىيارەتكە ماڭغان ب د ت باش سېكرېتارى بان كىمۇنغا يوللىغان خېتىدىمۇ بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمما، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى كۆچمەن يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسىگە ئوخشاش بۇنداق جىددىي بىر مەسىلىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنىڭمۇ بەلگىلىك ئۈنۈم يارىتالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنداقتا خەلقئارادا كۆچمەن يۆتكەشنى چەكلەيدىغان ئالاقىدار ماددىلار بارمۇ؟ بۇ ھەقتە بىز ئەنگلىيىدە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان تەتقىقاتچى تۇغبا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. تۇغبا خانىم يەرلىك خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2007-يىلى يەرلىك خەلقلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياننامىسى بارلىقىنى ۋە بۇ باياننامىدىكى ئالاقىدار ماددىلار ئارقىلىق كۆچمەن يۆتكەش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىمكانى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تۇغبا خانىم يەنە، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلق دەپ تونۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
