ماقالىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زىيادە كۆپ بولغاندىن سىرت، بۇ يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسىنىڭ بەكلا تۆۋەن بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئېلىگە 80- يىللاردىن ئىلگىرى كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيادە كۆپ كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي كۈيتون تور بېكىتىدە «شىنجاڭغا قارىغۇلارچە كۆچۈرۈلۈۋاتقان يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرى ھۇرۇن، مەينەت، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن» ناملىق بىر پارچە ماقالە بېسىلدى.
ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىل كېنەزلىكى دەپ ئاتالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ، 10- دېۋىزىيىسىدىكى 80- يىللاردىن ئىلگىرىكى كۆچمەن خىتايلار بىلەن 80- يىللاردىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ساپاسى سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىڭتۇەنگە يېڭىدىن يەرلەشتۈرۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسىغا دىققەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بېرىلىدۇ:
"1951-يىلدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆچمەنلەر كېلىپ ئورۇنلاشتى.80- يىللاردىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دېۋىزىيىلىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقانلار ئاساسەن ھەربىي سەپتىن قايتقانلار، ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى زىيالىي ياشلار ھەم تۆۋەنگە قايتا تەربىيىگە چۈشكەن يۇقىرى سەۋىيىلىك زىيالىيلار ئىدى. ئۇ مەزگىللەردە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. بۇ كۆچمەنلەرگە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش ئادىتى ھەققىدە تەربىيە ياخشى ئىشلەنگىنى ئۈچۈن ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىلەن بىر قەدەر پىششىق تونۇش ئىدى. شۇڭا 80-يىللارغا قەدەر ئۇلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا تىنچ ياشاش كەيپىياتى شەكىللىنىپ، رايوننىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى. ئەمما 1982- يىلى بىڭتۇەن كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يەرگە كەلگەن يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، ئەخلاق ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىنمىدى. تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەر، نامرات ناھىيە-يېزىلاردىكى ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بولمىغان بىر قىسىم كۆچمەنلەر تۆكمە قىلىنىپ دېۋىزىيىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھالبۇكى 80-يىللاردىن ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن زىيالىي ياشلارنىڭ كۆپچىلىكى شەرقىي دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن بىڭتۇەننىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىختىساسلىقلار سىرتقا ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەردى. بىڭتۇەننىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسىدا زور دەرىجىدە چېكىنىش كېلىپ چىقىپ، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۈچەيدى."
ماقالىدە يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسىنىڭ بەكلا تۆۋەنلىكى مىساللار ئارقىلىق مۇنداق بايان قىلىنغان:
"بىز تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، يېڭىدىن بىڭتۇەنگە ئورۇنلاشقان بۇ كۆچمەنلەرنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسى تولىمۇ تۆۋەن. بولۇپمۇ خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەنلەر ئىش قىلىش خۇشياقمايدىغان ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ كىشىلەر توپى دەپ قارالماقتا. يېڭى كۆچمەنلەر گەرچە خىش بىلەن سېلىنغان مېھمانخانا ھەم ياتاق ئۆيلىرى ئايرىم ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆيلەرنىڭ قالايمىقانلىقىدىن كىرگەن كىشى پۇت قويغۇدەك جاي تاپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىلىرى ئايلاپ-ئايلاپ ئاپتاپقا سېلىنمايدۇ، كىرلىكلىرى يۇيۇلمايدۇ. قازان-قومۇچ، چىنە-قاچىلىرى دائىم يۇيۇقسىز تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيى ھەم ئۆزلىرىدىن كېلىۋاتقان بەتبۇي پۇراقتىن يېنىدا تۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇندىن باشقا 82- يىلدىن كېيىن بىڭتۇەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆچمەنلەر ئارىسىدا ئوغرىلىق، لۈكچەكلىك قىلىپ تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر بار. بۇ خىل ساپاسى تۆۋەن بولغان كىشىلەر توپى رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىلگىرىكى جەڭگىۋارلىقىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولماقتا."
ماقالىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن رايونغا قاراتقان كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدە يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاگاھلاندۇرۇلۇپ مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
"ئەگەر يېڭىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلىنماي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولغان زور تۈركۈمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى قارىغۇلارچە كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، بۇ يېڭى كۆچمەنلەرگە ئالدى بىلەن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق جەھەتتىن ساپاسى تولىمۇ تۆۋەن بولغان بۇ يېڭى كۆچمەنلەر بۇ زېمىنغا 50-60- يىللاردا كېلىپ يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بىڭتۇەننىڭ ئىچكى قىسمىدا كونا كۆچمەنلەر بىلەن يېڭى كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئالغان بىڭتۇەننىڭ ئىلگىرىكى جەڭگىۋارلىقى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇقىملىق ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن."
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي خەرىتىسىدە ئىگىلىگەن زېمىنى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ھەم سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى قاتارلىق ئامىللارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ زېمىننىڭ يەنىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، يېڭىدىن يۆتكەپ كېلىنىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان بىلىم ئىگىلىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدىكى، خىتاينىڭ نامرات ئۆلكىلىرىدىن مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن بولغان بىر قىسىم يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىك دەپ ئاتالغان بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى كۈچەيگىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلگىرى يەرلەشكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ نارازىلىقى كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.