رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزا - كەنتلەرگە گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن بىر تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
16 - ئاۋغۇست خىتاينىڭ "خەلق گېزىتى" تورىدا، گەنسۇ دائىرىلىرىنىڭ گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش ھەققىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.
شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، بېيجىڭدىكى تارماقلارنىڭ، بۇ تەكلىپ ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما 17 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ھەم گەنسۇ دائىرىلىرىدىن بىرى، مەتبۇئاتتا مەخسۇس بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، گەنسۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نوپۇس يۆتكەش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتايچە "ئالما گېزىتى" نىڭ 17 - ئاۋغۇست گەنسۇدىكى ئاپەت ئاپەت رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش تەكلىپىنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھەم سەزگۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا زور تۈركۈمدە نوپۇس يۆتكەشكە باھانە ئىزدەۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئەمما رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىنىڭ ھەرقايسى پولىكلىرى ھەتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارغىمۇ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئاشكارىلانماقتا.
بىڭتۇەن تور بېكىتىنىڭ 27 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى پاختىلارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن، 500 مىڭ ئەمگەك كۈچى كېتىدىغانلىقى، ھازىرچە 200 مىڭ ئەمگەك كۈچى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە بار بولسىمۇ، ئەمما قالغان 300 مىڭ ئەمگەك كۈچى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بۇ يىل لاتقا ئاپىتى يۈز بەرگەن ئاپەت رايونىدىن ھەم خېنەن ئۆلكىسىدىن يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، 7 - ئايدىن باشلاپ بىڭتۇەننىڭ ئادەم تەشكىللەپ گەنسۇ خېنەن قاتارلىق جايلاردىن ئادەم يۆتكەشكە باشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھازىر بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا پەمىدۇر تېرىش، دەرەخ تىكىش، ئوت ئوتاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئىلى تەۋەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، ھازىر ناھىيە تەۋەسىدىكى يەرلەرنىڭ ئايلانما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش ئۈچۈن، دېھقان چارۋىچىلاردىن مەجبۇرى ئېلىۋېلىنىپ، دېھقان چارۋىچىلار ئۆز زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈلگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېزىسىغا ھازىر ھەر بىر كەنتكە 10 ئائىلىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، يېزىدا بۇ كۆچمەنلەرنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن كۆچۈرۈلۈپ كېلىنىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، رايونغا يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن. ئەمما غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ 29 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، بۇ يىل غۇلجا ناھىيىسىدىن 62 مىڭ 400 نەپەر ئەمگەك كۈچىنى باشقا جايلارغا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش سەپەرۋەرلىك خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىرەيلەن، ھازىر ناھىيە تەۋەسىدە ئىشسىزلىقنىڭ ئېغىرلىقى، يەرنىڭ قىسلىقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يېڭىدىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يېزىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا دېھقانلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چولۇقاي يېزىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگىنى ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسىدە ئەسلىدىنلا يەر قىسلىقىنى، ئەمما يېقىندا ئۆزىنىڭ چولۇقايدىكى تۇغقانلىرىدىن ئەسلىدىنلا يەر ۋە سۇ قىس بولغان چولۇقاي يېزىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى بىنەم يەرلەرگە 3000 دىن 4000 غىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشقان بىڭتۇەندىن باشقا يەنە يەرلىك ئۇيغۇر يېزىلارغىمۇ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قاراتقان كۆچمەن يۆتكەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.