خىتاي ساقچىلىرى غۇلجىدا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشكە قارشى چىققان بىر ئۇيغۇرغا ئوق چىقاردى


2006.05.30

تېرە بازىرىدا ئەخمەتلەر ئائىلىسىدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر پاجىئە نۆۋەتتە غۇلجىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇرەككەپ بىر ۋەقەگە ئايلانغان.

پاجىئەلىك ۋەقە

غۇلجىدىكى مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنى 14 - ماي كۈنى، خىتاي بازىرىغا جايلاشقان تېرە بازىرىدا چوڭ قورو جايى ھەم دۇكانلىرى بار ئەخمەد ئابدۇرەھىم بىلەن ئايالى مەريەم ساقچىلار تەرىپىدىن سەۋەبسىزلا قولغا ئېلىنغان. ئەتىسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بوشىتىشقا كەلگەندە ئەخمەد ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىرى قارشىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما، ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچى ھەمدە قوراللىق ساقچى قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ ئۆينى دەرھال بىكار قىلىشقا مەجبۇرلىغان. دەتالاش جەريانىدا غەزەپكە كەلگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ 20 ياشلاردىكى ئوغلى ئابدۇكېرىم، ئەگەر يەنە مەجبۇرلىساڭلار ئۆيگە ھەم ئۆزۈمگىمۇ ئوت قويىمەن دېگەن. قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ پۇتىغا قارىتىپ ئوق چىقارغاندا بېنزىنگە ئوت تۇتۇشۇپ ئابدۇكېرىم بىلەن تەڭ ئۆينىمۇ ئوت ئالغان.

بىز بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەب، نەتىجە تەپسىلاتىنى ھەمدە ئەخمەد ئابدۇرېھىم ئائىلىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خىتاي بازىرى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق ئەمما تېلېفوننى ئالغان خادىم بىزنى بۇ ھەقتە تولۇق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە خىتاي بازىرى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەردىن بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئەمما، ساپلا مۇجىمەل جاۋابلار بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر كۆرىنىشكە ئىگە قىلماقتا ئىدى.

بىز ئاخىرى مەزكۇر ۋەقەگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك يەنى كۆيگۈچىنىڭ ئانىسى، ئۆي ئىگىسى مەريەم خانىم بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئەمما بىرىنچى قېتىم مەريەم خانىم ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا زىيارىتىمىزگە قىسقىلا جاۋاب قايتۇردى.

مەريەم خانىمنىڭ جىددىي ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئۇرامىغا قارىغاندا، بىز تېلېفون قىلغان پەيتتە ئۇنىڭ ساقچى خادىملىرىنىڭ نازارىتىدە ئىكەنلىكى مەلۇم.

ۋەقەنىڭ سەۋەبلىرى

ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئاساسەن يارقىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. دېمەك بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇنداقلا پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشى ئەخمەدلەر ئائىلىسى بىلەن ئابدۇكېرىم ھوشۇر ۋە نۇرئەخمەت ھوشۇر ئىسىملىك ئاكا ‏- ئىنىلەر ئوتتۇرسىدىكى يەر مۈلۈك ھوقۇقى دەتالىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىكەن. ئۇنداقتا قانۇن ئورۇنلىرى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئاددى بىر مال مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى قانداق بولۇپ ساقچى ھەتتا قوراللىق قىسىملارمۇ ئارىلاشقىدەك مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلاندى ؟ ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەريەم خانىم بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ يەنىلا قانۇن ھەمدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىۋاستە ئىش بېجىرىدىغان خادىملاردىكى پارىخورلۇق مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى:

تېرە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بەزى كىشىلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، گەرچە غۇلجا شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەخمەتلەر ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېلېۋىزوردا قىسقا خەۋەر قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى بۇرمىلاپ زىيانغا ئۇچرىغۇچى يەنى قوراللىق قىسىم تەرەپتىن يارىلاندۇرۇلغان ئابدۇكېرىمنى 38 ياشلىق خېروئىن چېكىدىغان بىر يولسىز مۇتتەھەم قىلىپ كۆرسىتىپ، ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوشۇرغان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئۆزىگە ھەمدە ئۆيگە ئوت قويغان دەپ خەۋەر بەرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.