غۇلجىدىكى مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈشكە قارشىلىق قىلىپ يارىلانغان ئابدۇكېرىم خەتەر باسقۇچىدىن ئۆتتى


2006.05.31

ھازىرغا قەدەر غۇلجا خىتاي بازىرىغا جايلاشقان تېرە بازاردا يۈز بەرگەن مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ۋەقە ھەققىدە ئىگە بولغان مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، نۇرئەخمەت ھوشۇر، ئابدۇكېرىم ھوشۇرلار بىلەن ئەخمەت ئابدۇرېھىم ئائىلىسىدىكىلەر ئوتتۇرسىدىكى زېمىن تالىشىش ماجىراسى، ھۆكۈمەت ھەمدە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى شۇنداقلا ئارىلىقتا بەزى قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ پارىخورلىقى سەۋەبلىك زىددىيەتلىك چوڭ بىر ۋەقەگە ئايلانغان.

ئەرز قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى زورلۇق

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى غۇلجا ئۆي ‏- زېمىن باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ بولغان ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئەرزىنى ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقىرى سوت قوبۇل قىلىپ تېخى قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىلمىغان پەيتتە، ئەخمەتلەر ئائىلىسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ئۇلارنى ئۆينى بوشىتىشقا زورلىغان.

ئەخمەت بىلەن ئايالى مەريەم قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسەتكەندە، ساقچىلار ئۇلارنىڭ قوللىرىنى كىشەنلەپ ئېلىپ كەتكەن. ئەتىسى ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭ يىگىرمە ياشلاردىكى ئوغلى ئابدۇكېرىم ئۇلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە كەلگەنلەرگە "ئەگەر يەنە مەجبۇرلىساڭلار ئۆيگىمۇ، ئۆزۈمگىمۇ ئوت قويىمەن" دەپ قارشىلىق قىلغان. بۇنىڭ بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم ئۇلارنىڭ ئۆيىنى قورشىغان ھەمدە ئابدۇكېرىمنى ئاگاھلاندۇرغان، ئابدۇكېرىم داۋاملىق قارشىلىق بىلدۈرگەندە، ساقچىلار ئابدۇكېرىمگە قارىتىپ ئوق چىقارغان. بۇ چاغدا ئۆزىگە ھەمدە ئۆيگە چېچىلغان بېنزىن دەرھال ئوت ئالغان. ئۆي كۆيگەن، ئابدۇكېرىممۇ ئېغىر يارىلانغان.

ئوتنى كىم قويدى؟

بىراق مەيلى ۋەقەدە زىيانغا ئۇچرىغان ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ساقچى تەرەپ بولسۇن ئابدۇكېرىمگە ھەمدە ئۆيگە تۇتاشقان ئوت ئۇچقۇنىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتماقتا، ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ ھەمدە ئابدۇكېرىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ مەخپى تۇتۇلۇشى بۇ ۋەقەگە تېخىمۇ سىرلىق تۈس بەرمەكتە . ئەمما شۇ پاجىئەلىك ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بەزى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، گەرچە ئابدۇكېرىم ئۆزى ۋە ئۆيگە بېنزىن چاچقىنى بىلەن ئوت تۇتاشتۇرمىغان. ساقچىلار ئوق چىقارغاندىلا ئوت ئۇچقۇنىدىن بېنزىنگە ئوت تۇتاشقان ئىكەن.

قۇتقۇزۇڭلار!!!

بەزى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئوت ئالغان پەيتتە ئابدۇكېرىم قۇتقۇزۇڭلار دەپ شۇنچە نالە قىلغان بولسىمۇ، ئۆينى قورشىغان قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى بۇيرۇقنى كۈتۈپ ئوت ئۆچۈرۈشكە، ئابدۇكېرىمنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلماي تۇرغان ۋە قاراپ تۇرغان باشقا كىشىلەرگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان.

ئابدۇكېرىمنىڭ نالىسىگە چىدىمىغان ئايالى ئېغىر ئاياغلىقىغا قارىماي ئابدۇكېرىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوت ئالغان ئۆيگە ئاتقان. نەتىجىدە ئابدۇكېرىمنىڭ ئايالىنىڭمۇ بىلەكلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

ئابدۇكېرىمنىڭ ئانىسى مەريەم ھەدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزى ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بولغاچقا ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەمما نۆۋەتتە ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

"ئابدۇكېرىمنىڭ ئەھۋالى زادى قانداق ؟"

مەريەم ھەدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇكېرىم غۇلجا شەھەرلىك ھەربىي دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان ئىكەن. ئەمما ئابدۇكېرىم گەرچە قۇتقۇزۇش ئۆيىدە بولسىمۇ، ساقچى تەرەپنىڭ نازارىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئانىنىڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغا قەدەر ئوغلىنى كۆرۈشى چەكلەنمەكتە ئىكەن.

بىز ئابدۇكېرىمنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەرلىك ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ كۆيۈك بۆلۈمىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، بىر سېسترا خېلى ئىككىلەنگەندىن كېيىن، ئابدۇكېرىمنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بەردى: ‏ ‏"‏ئۇنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقىلى تېخى بىر نەچچە كۈن بولدى، يارىسى خېلى ئېغىر، يۈزلىرى، بەدىنى، ھەممە يېرى كۆيۈپ يارىلانغان. ئۈچىنچى دەرىجىدە كۆيگەن. بىز بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ قۇتقۇزۇۋاتىمىز. مەن پەقەتلا بىر سېسترا، ئەسلىدە باشلىقلاردىن ياكى دوختۇردىن سورىسىڭىز بولاتتى، مېنىڭ بۇ ھەقتە بىر نېمە دېيىش ھوقۇقۇممۇ يوق. باشقىسىنى ئەتە باشلىقلاردىن سوراڭ". نۆۋەتتە ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ ئېغىرئاياغ ئايالى ئابدۇكېرىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە، ئوغلىنىڭ ھالىدىن ئەندىشە قىلىپ كۆز يېشى قۇرىمىغان مەريەم ئانا "بۇ پاجىئەدىن كېيىن بىزنىڭ پۇچۇلانغان قەلبىمىزدىكى ئازابلىق يارىلار ساقىيارمۇ ؟" دەپ ئۇلۇغ تىندى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.