بۇ ماقالىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئېلى ئەخمەتبەيئوغلى يازغان.
تەتقىقاتچى دوكتور ئېلى ئەخمەتبەيئوغلى بۇ ماقالىنى، 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزىز شېھىتلەرگە بېغىشلىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە، تۈركىستاننىڭ ئەھمىيىتى توغرىىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: تۈركىستان، تۈركلەرنىڭ يۇرتى، مەملىكىتى، ئىلى. ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان، ھەربىي، ئىستراتېگىيە، گىئوپولىتىك، گىئوئىستراتېگىيىلىك جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم بىر ئورۇنغا جايلاشقان. بۇ زېمىنلىرىدا ھونلار، تابغاچلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، غەزنىۋىيلەر، سالجۇقىلار، خارەزىمشاھلارغا ئوخشاش تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان، نېفىت، گاز قاتارلىق يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرى بىلەن كۆپ بايلىققا ئىگە جايدۇر.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان تۈرك مىللىتى كېلىپ چىققان يەر، تۈرك تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركسىتان ئاسىيانىڭ قەلبى دەپ ئاتالغان تۈركىستاننىڭ 5 بۆلۈكىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، تىبەت ۋە خىتاي بىلەن چېگىرالىنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى، تۈرك مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىسىنىڭ مەنبەسىدۇر. تۈرك رىۋايەتلىرى، دەدەقورقۇت چۆچەكلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، تۈركىي تىللار دىۋانى، ئەتەبەتۇلھەقايىق قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر يېزىلغان جۇغراپىيە.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان تارىخى يىپەك يولىنىڭ ئۆتكىلى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېڭىزدىن بەك ئۇزاق بولۇشى، ئېگىز تاغلار ۋە چۆللەر بىلەن ئورالغانلىقى سەۋەبىدىن دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان «مۇداپىئەلىنىش ۋە ھۇجۇم قىلىش» مەركىزى. شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن سىرتقا چىقىش دەرۋازىسى بولۇپ، خىتاينىڭ ياۋرۇئاسىياغا قارىتا ھاكىمىيەت قۇرۇش چۈشەنچىسىنىڭ ھالقىلىق ئورنى، شەرقىي تۈركسىتان بۇ ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئوكرائىناسى دېيىلىدۇ.
ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، خىتاينىڭ ئىشغال قىلىشىنى ۋە بىر قانچە قېتىملىق مۇستەقىل بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ماقالىدە يەنە 1949-يىلدىن كېيىنكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئاسسىملىياتىسىيە قىلىش سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي زۇلۇمى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تارىختا تۇنجى قېتىملىق تۈرك دۆلىتى دەپ ئاتالغان ھون ئىمپىراتۇرلۇقىدىن باشلاپ نۇرغۇن تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان ئورۇن. ئۇ دۆلەتلەردىن كۆك تۈرك، ئۇيغۇر، قاراخانىيلار دۆلەتلىرى ئەڭ مەشھۇر دۆلەتلەر.
ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان شەرقىي تۈركسىتاننىڭ جۇغراپىيىسى، نېفىت، ۋولفرام، ئالتۇن، كۆمۈش، پلاتن، 2.2 تىرىليون توننا زاپاس كۆمۈر ۋە ئۇرانغا ئوخشاش ئىستراتېگىيىلىك خام ماددىلارغا ۋە سان-ساناقسىز يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارغا ئىگە رايون. ئومۇمى خىتايدا چىقىدىغان 148 ماددىدىن 124 ماددا شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئەڭ ئىستراتېگىيىلىك رايونى ھالغا كەلدى. خىتاينىڭ 25% نېفىت ئېھتىياجىنى، 28% تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. بۇ سانلار ياپونىيە فۇجى سانكى تىجارەت گېزىتىنىڭ 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت بايلىقلىرى ئىران ۋە ئىراق نېفىتلىرىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق. 910 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەدە نېفىت بايقالغان. شەرقىي تۈركىستاندىن ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت خىتايغا يۆتكەلمەكتە. شۇنداق بولسىمۇ شەرقىي تۈركسىتاندا خىتايدىكىگە قارىغاندا نېفىتنىڭ باھاسى ئىككى ھەسسە قىممەت سېتىلىدۇ. تارىم ئورمانلىقىدىكى نېفىت بايلىقى 74 مىليارد تۇڭ.
قارامايدىن ھەر يىلى 1 مىليون 286 توننا نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدۇ. قۇمۇل-تۇرپان رايونىدىكى نېفىت بايلىقى 75 مىليون توننا. تەكلىماكان چۆلىدىكى نېفىت بايلىقى 50 مىليارد توننا بولۇپ بۇلار ئەھمىيەتلىك نېفىت بازىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا يەنە 17.4 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بار. ھازىر 30 رايوندىن تەبىئىي گاز چىقىرىلماقتا.
تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى تەبىئىي گاز جەھەتتە ئەڭ باي ئورۇن. ئاشلىق، پاختا، يىپەك ۋە گىلەم توقۇش، قول-ھۆنەر سانائەتلىرى بولۇپمۇ چارۋىچىلىق شەرقىي تۈركسىتان ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن مەدەنىيەت ۋە ھازارەتنىڭ بۆشۈكى بولغان تارىخى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان جۇغراپىيىسىدە ياشايدىغان ۋە شۇنچىۋالا بايلىقلارغا، ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئۇيغۇر تۈركلىرى، ئاچلىق ھالەتتە ياشىماقتا. گاس، گاچا، كۆر دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنماقتا. ئىنسانىيەتكە ماس كەلمەيدىغان زۇلۇملارغا، ئىسكەنجىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ۋە قىرغىنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىماقتا.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ۋە مەۋجۇت بولغان بايلىقلىرى جەھەتتە مۇھىم بىر ئورۇنغا جايلاشقان شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئاقىۋىتى پەقەت خىتاي تۈزۈمىنىڭ ئەتىسى ئەمەس بەلكى ئۇزۇن بىر چېگرا بىلەن تۇتىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ئىقتىسادى ۋە كۆپ نوپۇسى بىلەن يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلاردا كۈچ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي تىجارەت ۋە رىقابەتتە ئەركىن، سىياسەتتە دىكتاتورىلىق سىستېما بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ. خىتاي بىر تەرەپتىن خەلقئارادا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھاكىم بولۇشقا ئۇرۇنماقتا.