كىتاپ 13 بۆلۈم، 112 بەتتىن تەركىپ تاپقان
بۇ كىتاب ئىستانبۇلدىكى بىلگى ئوغۇز نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 112 بەتتىن تەركىپ تاپقان. كىتاب 13 كىچىك

بۆلۈمىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلار داستان ۋە داستانلىرىمىز، كىرىش سۆز، ئاقساقالنىڭ دۇئاسى، مۇئەللىم ئابدۇراخمانخان، ئەركىنلىكمۇ مائارىپمۇ؟ خىتاي ۋالىنىڭ كۆرگەن چۈشى، بىر خائىننىڭ قىلغانلىرى، دادا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئۇچرىشىشى، ئۇرۇش باشلىدى، قىرىق بىرىنچى يىگىت، سېسىق ياڭاق، پىيالما ئالدىدا، يىغلىسا ئانىلار يىغلايدۇ قاتارلىق تېمىلاردىن ئىبارەت.
كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ھەسەن كاللىمچى ئەپەندى ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىن يىگىرمىسىنى بالىلار رومانىغا ئايلاندۇرۇپ يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ كىتابنى ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ناملىق كىتابنىڭ ئىچىدىكى ئابدۇراخمان غوجا داستانىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەييارلىغان. كىتابتا داستانىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ سىزىلغان كۆپ ساندا قىستۇرما رەسىملەرگىمۇ يەر بېرىلگەن.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ھەسەن كاللىمجى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
`كۆك بايراق ئىشقىغا` ناملىق كىتابنى يېزىشتىكى مەقسەت
ئۇ، `كۆك بايراق ئىشقىغا` ناملىق بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولدى دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن تۈرك مىللەتچىسىمەن، مەن تۈركىيىدىكى تۈركلەرنى ۋە دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى قېرىنداشلىرىم دەپ قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇلارنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن. يۈرىكىم ئۇلارنىڭ ئىشقى بىلەن تولغان. ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ داستانلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. مەن بىرقانچە يىل بۇرۇن` سىبىرىيىدىكى ھاقاسلارنىڭ ئالتۇن ئارىغ `ناملىق داستانىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ بالىلار چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن رومانغا ئايلاندۇرۇپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز ۋە تۈركمەنلەرگە ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىن 20 داستانىنى تاللاپ بالىلار رومانى ھالىغا ئەكىلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. كېيىن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئالىمجان ئىنايەت تەييارلىغان `ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى `ناملىق كىتابنى ئېلىپ بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، بۇنىڭ ئىچىدىن `ئابدۇراخمان غوجا داستانى `تاللاپ بالىلار رومانى شەكلىدە يېزىپ `كۆك بايراق ئىشقى` نامىدا كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇردۇم. بۇنىڭدىكى مەقسىتىم شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بالىلىرىمىزغا ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت."
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانىدىن يىگىرمىسى بالىلار رومانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ نەشىر قىلدۇرۇلغان
سىز تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانىدىن يىگىرمىنچى بالىلار رومانىغا ئايلاندۇرۇپ نەشىر قىلدۇرۇپسىز، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانلىرى تۈركىيىدە بىلىنەمدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "بىز تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە 1991-يىلىدىن تارتىپ مەلۇمات ئىگىسى بولۇشقا باشلىدۇق. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانلار مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بىر-بىرىمىزنى تونۇشقا باشلىدۇق. تۈركىيىدە كۆپ ساندا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلدى، تۈرك دۇنياسى ھەققىدە جۇرناللار گېزىتلەر چىقىشقا باشلىدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ پۈتۈن داستانلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى، مەتبۇئاتچىلار ۋاسىتىسى بىلەن تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسىنى جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە."
`كۆك بايراق ئىشقىغا `ناملىق ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى
ئەسەرنىڭ تېمىسى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر رايونى يەنى ئابدۇراخمان غوجا ياشىغان تۇپراقلار ھازىر خىتايلارنىڭ ئىشغالى ئاستىدا. ئابدۇراخمانخان داستانىدا ئابدۇراخمان غوجىنىڭ مانجۇ خىتايلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ زالىم خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىش بايان قىلىنغان.
داستاندا بالىلىق چېغىدىن تارتىپ قەھرىمان بولۇپ يېتىشكەن ئابدۇراخمان غوجىنىڭ دادىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماستىن زالىم ھۆكۈمدارلارغا قارشى قوزغىلاڭ باشلاتقانلىقى، قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە ئىلچىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ئابدۇراخمان غوجىنىڭ دوستلىرى ئىچىدىكى خائىن ئىسمائىل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئابدۇراخمان غوجىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇراخمان غوجا باشلاتقان مۇجادىلىنىڭ مۇۋۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇ كىتابنى ئوقۇغان بالىلار بۇ ۋەقەنى بىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرت- ئەلەم، خىتاي زۇلۇمى ۋە خىتايلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولىدۇ.
بۇ ئەسەرلەرگە تۈركلەرنىڭ قىزىقىشى
بۇ داستان رومانلار 3 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە سېتىلىۋاتىدۇ. `كۆك بايراق ئىشقى `ناملىق كىتاب 2008-يىلىنىڭ باشلىرىدا نەشىردىن چىقتى. بەزى كىتابلىرىم 2-قېتىم قايتا نەشىر قىلىندى. بىز خەلقىمىزگە تۈرك دۇنياسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتالمىغاچقا بۇ ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىش باشقا بالىلار رومانلىرىغا قىياسلىغاندا ئاز. دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 250 مىليون ئەتراپىدا، بۇ كىتابلار تېخىمۇ كۆپ سېتىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابلارغا بولغان قىزىقىشمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.