خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى خې چىڭليەن خىتاينىڭ « 2010-ۋە 2011 - يىللىق ئىقتىسادى كۆك تاشلىق كىتابى» ھەققىدە توختالدى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۆتكەن ھەپتە «خىتاينىڭ 2010- يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەم 2011- يىلدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھەققىدە پەرەز» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كۆك تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ 2010- يىلى گەرچە دۆلەت ئىقتىسادى ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋام پۇقرالىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يەنىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

0:00 / 0:00

نيۇيوركتىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى خې چىڭليەن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆك تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتايدىكى بايلىق-نامراتلىق پەرقىنىڭ كۈچىيىپ، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەم خىتايدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ 2010- يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى « ئالدى يۇقىرى، كەينى تۆۋەن » ھالەتتە تەرەققىي قىلدى

كۆك تاشلىق كىتابتا 2010- يىلدىكى خىتاي ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئىزاھلىنىپ مۇنداق بايان قىلىنغان: "خەلقئارا ئىقتىسادىي كرىزىس تەسىر قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا مەبلەغ سېلىشقا تايىنىش ئەھۋالى كۈچلۈك بولدى. پۇقرالار مەبلەغ سالغان شىركەتلەر كۆپەيدى. خەلقئارا ئىقتىساد چېكىنگەن ئەھۋال ئاستىدا، 2010- يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە ئېكسپورت نىسبىتى يەنىلا ئۆرلىدى. ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال تۆۋەنلىدى. بولۇپمۇ ئۆي باھاسى ئۆرلەپ كەتكىنى ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق ئۆي سېتىۋېلىشى قىيىنلاشتى."

كۆك تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ 2011-يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىياتى يۆنىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا يەنىلا مەبلەغ سېلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئەمما خىتاي ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلىتىدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۆي-مۈلك بازىرىغا قارىتىلغان كونتروللۇق كۈچەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆك تاشلىق كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە

خې چىڭليەن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا ئۆزىنى دۇنياغا ئىقتىسادىمىز تەرەققىي قىلدى دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەرەققىيات خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى ھەم چەتئەللەرگە ئەرزان سۈپەتسىز تاۋارلارنى كۆپلەپ سېتىش بەدىلىگە كەلگەن ئىكەن. شۇنداقلا كوممۇنىست ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى ئىگىلىۋالغىنى ئۈچۈن، خىتايدىكى ئاۋام پۇقرالار يەنىلا نامرات ھالەتتە بولۇپ، بۇ خىتايدىكى بايلىق-نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن.

كۆك تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە 85% خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن. ئەگەر ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى ئەركىن قويۇپ بەرگەندە 2011- يىلى ئۆي باھاسى يەنە 20%~25% كېچە ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن. كىتابتا يەنە، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى تەھلىل قىلىنىپ، ھازىر سېتىلىۋاتقان ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ يىمەي-ئىچمەي 20 يىل پۇل يىغقاندىلا ئاندىن سېتىۋالالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالالماسلىقىدەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى سەۋەبچى

خې چىڭليەن خانىم مۇنداق دېدى : " خىتايدا ئۆي باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى بولۇشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتايدىكى ئۆي ‏- مۈلك سودىسىنى كونترول قىلىۋالغان. خىتايدا ئۆي ‏- مۈلك بازىرى ئاساسەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كونتروللۇقىدا. شۇڭا ئۆي-مۈلۈك بازىرى خىتاي ھۆكۈمەت ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم ھالقىسى دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ئۆز سىياسىتىدە يەر دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا دەپ بەلگىلىگىنى ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەت خالىغان چېغىدا ئېلىۋالالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا چەكلىمە قويۇپ پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئەمما، بۇ خىل سىياسەتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك بەھرىمەن بولغۇچىلار يەنىلا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەم ھۆكۈمەت خادىملىرى بولماقتا. شۇڭا ئۇلار خىزمىتىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆي-مۈلك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ بارغانچە بېيىپ كەتتى. ئاۋام پۇقرالار بولسا ئەڭ تۆۋەن ھالەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىنمۇ بەھرىمەن بولغىنى يوق."

كۆك تاشلىق كىتابتا يەنە، نۆۋەتتە يەر ھەم ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، شەھەرلەردە ئۆي باھاسى زىيادە ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان. رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆي باھاسى تېزلىكتە ئۆرلىگەن.

قەشقەر شەھىرىدىن ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا بۇلتۇردىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرى قەشقەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن يۇقىرى باھا قويۇپ، بەس-بەستە سېتىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆي باھاسى 25% ~30% ئەتراپىدا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.

ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن ئىلى يېزىلىرىدا ئىككى يىلدىن بۇيان « ئىقتىسادىي ئايلانما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش»، «كان رايونىنى كېڭەيتىش» دېگەندەك ناملار بىلەن دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى ھەم يايلاقلارنىڭ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەتلەرگە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىزگە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دېھقان-چارۋىچىلاردىن مەجبۇرى ھالدا ئەرزان سېتىۋالغان يەرلەردىن ھەسسىلەپ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ: "قاراڭ بۇ خىتاي شىركەتلىرى بىچارە دېھقانلىرىمىزدىن ئەرزان باھادا سېتىۋالغان يەرلەرنى يەنىمۇ يۇقىرى باھادا باشقا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ، مىليونلاپ پايدا ئېلىۋاتىدۇ. دېھقانلىرىمىز بولسا ئاشۇ30-40 مىڭ سوم پۇلغا يەرلىرىنى سېتىۋېتىپ، ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ" دېدى.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىڭ ئۆي ھەم يەر باھاسىنى ھېقىقى كونترول قىلىش نىيىتى يوق

خې چىڭليەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر ھوقۇقى دۆلەتنىڭ قولىدا» دېگەننى باھانە قىلىپ،ئاۋام پۇقرانىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتىگە تاقالغىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى شارائىتتا بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى: "ئەگەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆي ھەم يەر باھاسىنى ھېقىقى ھالدا كونترول قىلىش نىيىتى بولسا، ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، بۇ ھۆكۈمەت ھازىر يەرگە بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا دېگەن سىياسەتنى نىقاب قىلىپ تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى دۆلەتنىڭ نامىدا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تارتىۋېلىۋاتىدۇ. تارتىۋېلىنغان يەرلەرنى بولسا كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان جەمەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەرگە بېرىپ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ چۆنتىكىنى تولدۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، كومپارتىيىنىڭ بۇ سىياسىتى ئۆزگەرمەيدىكەن پۇقرالارنىڭ نامرات ھالىتىدە قېلىشى مۇقەررەر."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك

خې چىڭليەن خانىم ئۆز بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ھازىر خىتايدىكى بايلىق-نامراتلىق پەرقى بارغانچە كۈچىيىپ، خىتايدا بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ بولدى. يېرىدىن ئايرىلغان دېھقان-چارۋىچىلار، ئۆي سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەن نامرات شەھەر ئاھالىسى مۇشۇنداق كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا، كوممۇنىست ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن تەدبىر قوللانمايدىكەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزىلا بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ."