بۇلارنىڭ كۆپى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېرىم يولدا توختاپ قالغان ئىدى. ئەمما تۈركىيىدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «كۆك بايراق» ژۇرنىلى 18 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ 14 دۆلەت 25 ۋىلايەتتىكى تارقىتىش ۋەكىللىرى ئارقىلىق تارقىتىلماقتا.
تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىككى ئايدا بىر سان چىقىرىلىۋاتقان «كۆك بايراق» ژۇرنىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا. «كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىلى 3-4-ئايلىق قوش سانى ژۇرنالنىڭ 100-سانى بولۇپ، بۇ سانىنىڭ تاش ۋارىقىغا «100-سان» دېگەن سۆز چوڭ قىلىپ يېزىلغان. 100-سانىنىڭ ئىچىگە ژۇرنالنىڭ بۇرۇنقى سانلىرىنىڭ تاش ۋارىقى بېرىلگەن. ئاستىغا «كۆك بايراق» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ژۇرنالنىڭ 100-سانىغا ئاتاپ يازغان بېغىشلىمىسىغا ئورۇن بېرىلگەن. بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن.
«18 يىلدىن بېرى توختىماي نەشر قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‘كۆك بايراق’ ژۇرنىلىنىڭ 100-سانى نەشردىن چىقتى. سىز قىممەتلىك كۆڭۈلداش ۋە دەۋاداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 100-سانىغىچە توختىماي چىقىرالىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بەكلا بەختلىك ھېس قىلماقتىمىز. 'كۆك بايراق' ژۇرنىلىنى بۈگۈنگىچە داۋاملىق ھالدا نەشر قىلدۇرۇشىمىزغا تۆھپە قوشقان پۈتۈن دوستلىرىمىزغا چىڭ كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز».
«كۆك بايراق» ژۇرنىلىنىڭ 100-سانىدا «ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭەش يىغىنى ھەققىدىكى تەھلىل» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن باشقا يەنە تەتقىقاتچى ۋە يازغۇچى چرىس زامبەلىسنىڭ «تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى تىجارەتكە قۇربان قىلىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، ۋاشىنگتوندىكى ئىنسان ھەقلىرى ئىش پىلانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى خېنريك ئەپەندىنىڭ «2010-يىلى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىلگەن يىل» ماۋزۇلۇق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر سانغا يەنە تارىخچى دوكتور تۇنجەر چاغلايان ئەپەندى يازغان «تۈركلەرنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ زېمىنى شەرقىي تۈركىستان» ۋە كالىفورنىيە ئىرۋىنە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى پېتېر ناۋاررو يازغان «شىنجاڭنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇشى» ماۋزۇلۇق ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
«كۆك بايراق» ژۇرنىلىدا يەنە تونۇلغان تارىخچى مەمەت ئېمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابىدىن ئارىيىلەر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلغاندىن باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپ ساندا خەۋەرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
«كۆك بايراق» ژۇرنىلى ھەققىدە ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىرىدىن ئابلېكىم سەلچۇق ئەپەندى مەلۇمات بەردى.