كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇرلار لوس ئانجېلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىغا يىغىلىپ، "شاۋگۇئەن ۋەقەسى" گە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايەختى ئۈرۈمچىدە يەكشەنبە كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتايلارنىڭ گۇئاڭدوڭ شاۋگۇئەندە ئۇيغۇر ئىشلەمچى ياشلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوزغىۋەتتى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە غەزەپلەنگەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار يەكشەنبە كۈنى لوس ئانجېلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى . نامايىشچىلار كونسۇلخانا ئالدىدا شاۋگۈئەندىكى زوراۋانلىقنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، كۈچ كۆرسەتمەكتە.

لوس ئانجېلىستىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىش كالىفورنىيە ۋاقتى بىلەن يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 ئەتراپىدا باشلاندى. نامايىشچىلارنىڭ سانى 50 - 60 ئەتراپىدا بولۇپ، نامايىشنى لوس ئانجېلىس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائېتى تەشكىللىگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا ئېغىر ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي ساقچى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت سانىغا ئائىت ئىنكاسلار ئوخشاش ئەمەس.

ھۆكۈمەت ۋەقەدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇماتلىرىدا 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خەلق مەيدانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، نامايىشچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا ئوققا تۇتۇلغانلىقى، ئۆلگەنلەرنىڭ نەچچە ئونغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ مەلۇماتلار تەرەپسىز مەنبەئەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئوپتىكا ئىلمىي ئىنجېنېرى، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى بار ئىدى. ئۇ، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز قانۇنىغا رىئايە قىلمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كونسۇلخانا ئالدىدىكى يەنە نامايىشچى بولسا بۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئۇلارغا ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كالىفورنىيىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىددە ھالەت ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن ئىدى. بىر نامايىشچى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

شاۋگۇئەن ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۈتكۈزۈپ، شاۋگۈئەنلىك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى شۇنداقلا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى پوزىتسىيىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. لېكىن يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى نامايىش ۋە نامايىشنىڭ شىددەتلىك باستۇرۇلغانلىقىغا تۇنجى بولۇپ ئىنكاس قايتۇرغانلار كالىفورنىيىدىكى ئۇيغۇرلار بولدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.