ميۇنخېن شەھرىنىڭ مەريەم مەيدانى دەپ ئاتالغان مەركىزى قىسمىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان.
40 - 50 خىلدىن ئارتۇق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات مەزمۇنلىرى ئورۇن ئالغان ھەرخىل ۋەرەقچىلەر، گېرمانچە ھەم خىتايچە گېزىتلەردىن سىرت، خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملىك لوزۇنكىلار ۋە تاختايلار ئىمزا توپلاش مەيدانىغا كەڭ يېيىلغان بولۇپ، ئۈستى باشلىرى قانغا مىلەنگەن، تۆمۈر قەپەس ئىچىگە سولانغان بىر ئايالنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى بىلەن تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بىر ئەرنىڭ سۈرىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلىپ قىلغان.
بولۇپمۇ، خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىشتەك ئىنسانىيەتسىز قىلمىشلىرىغا ئائىت سۈرەتلىك خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بەكرەك قىزىقىشىنى قوزغىغان.
مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان فالۇنگوڭچىلارنىڭ ميۇنخېندىكى مەسئۇلى چېنگاڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىدىن چېكىنىش ھەرىكىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر خىتايدا 80 مىليون كىشىنىڭ كومپارتىيىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، خىتايدا كومپارتىيە يوقالمىغىچە، خەلقنىڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېنگاڭ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ يالغۇز خىتاي خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ئاپەت بولۇۋاتقانلىقىنى، بەلكى كومپارتىيىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرى ئۈستىدىنمۇ ۋەھشىيلەرچە قىرغىن سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كۈنسېرى مۇستەبىتلىشىپ، يالغۇز خىتاي خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ غەزەپ - نەپرىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
چېنگاڭ ئەپەندى تەمىنلىگەن „ھەقىقىي ئەھۋال" ناملىق خىتايچە بىر گېزىتكە، قولغا ئېلىنغان فالۇنگوڭچىلار تۈرمىدە ئۇچراۋاتقان قىيىن - قىستاق، تەن جازاسىغا ئائىت سۈرەتلىك خەۋەرلەر بېسىلغان. خەۋەردە، مەھبۇسلارنىڭ بەدىنىگە دەزمال يېقىلغانلىقى، يىڭنە سانچىلغانلىقى، كالتەكلەپ ئۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ئىتقا تالىتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. 2010 - يىلى 6 - ئايغىچە، 3383 نەپەر فالۇنگوڭچىلارنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يېتىم قالغان پەرزەنتلىرىنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مانفرەد نوۋاك ئەپەندى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتى دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي تۈرمىسىگە توشۇپ كەتكەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭمۇ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2010 - يىللىق دوكلاتىدا، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى، ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكى، قولغا ئېلىش ئىشلىرىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دوكلاتتا چەتئەلدىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قارىتا بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە ھازىرغا قەدەر يول قويمايۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يىلدىن يىلغا ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
