ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىدىن Peabody شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە توختاملاشقان. توختام بويىچە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ رايوندا يىلىغا 50 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارماقچى. توختام مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە Peabody شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى قېتىلغان. مۇراسىمدا رايوننىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى، ئىلغار باشقۇرۇش تۈزۈمى، بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىغا ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئىمكانلارنىڭ، رايوننىڭ كۆمۈرچىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى، خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇراسىمدا Peabody شىركىتىنىڭ باشلىقى Gregory Boyce سۆز قىلىپ، رايوننىڭ بايلىقلىرىنى قېزىش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىزمەت ئىمكانلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قاتارلىق خىزمەت غايىلىرى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، توختام بويىچە، مەزكۇر شىركەت كېلەر ئايدىن باشلاپ، گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئېكولوگىيىلىك كۆزىتىشلەر ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن ئورۇن بېكىتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ. رايوندا 2010-يىلى 100 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە بۇ ساننى 1 مىليارد توننىغا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلماقتا. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر توختام ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
باياناتچى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل شىركەتلىرى رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتقاندا ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ، جۈملىدىن مەزكۇر بايلىقلارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
دىلشات رىشىت يەنە خىتاينىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسلى ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە، مەزكۇر بايلىقلارنى ئېچىش ۋە كىم بىلەن ھەمكارلىشىش مەسىلىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارار بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئاپتونومىيە قانۇنى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشقا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن بىر گۇرۇپپا ئەمەلدارلارنىڭ قارار بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا Peabody شىركىتى قۇرۇلۇش پىلانى تۈزگەندە، تۈزۈلگەن توختاملارنىڭ ئانچە ئۇزۇنغا بارماي ئەمەلدىن قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قولىدا ھاكىمىيەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن رايوندىكى ھەرقانداق بىر قۇرۇلۇشنى كېچىكتۈرۈش ۋە توختىتىشقا چارىسىز، تۆۋەندە بىلدۈرۈلگەنلەر پەقەت چەتئەل شىركەتلىرىگە چارىسىزلىق شارائىتىدا قويۇلۇۋاتقان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلەر.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قاپلاپ كېتىشىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئۆي-ماكانلىرىدىن مەھرۇم قېلىشىغا، ئىشسىز قېلىشىغا، قىسقىسى نامراتلىشىشىغا سەۋەب بولغان. دىلشات رىشىت ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بايراقدارلىق قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا شىركىتىدىنمۇ ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ Peabody شىركىتىنى رايوندا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىكلەرگە كۆز-قۇلاق بولۇشقا ۋە بۇ ھەقسىزلىقلارنى ئىنسانىي مەيداندا تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا، ھېچ بولمىدى دېگەندە خىتاينىڭ ئادالەتسىز ئىجارائاتلىرىغا ۋاسىتە بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
0:00 / 0:00