كوندالىزا رايىس خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلەتتى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.30
2008.06.30
Source: State.gov
رايىس دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا قىزىقىدىغان بۇ ساھەدىكى بەزى مەسىلىلەردە خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەن.
رايىسنىڭ دۈشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان تۈرمىدىكى بىر قىسىم سىياسى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا كومپارتىيىنىڭ ئىنتېرنېتنى تىزگىنلەشكە خاتىمە بېرىپ، سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. لېكىن رايىس، خۇ - ۋېنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكتىكى مەھبۇسلار مەسىلىسىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ پەقەت ئىسىملىكنىڭ خىتاي تەرەپ ئىسىملىكتىكى مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغانغا قەدەر ساقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
رايىسنىڭ تىزىملىكىدىكى مەھبۇسلار ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، تارىخشۇناس توختى مۇزارت، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن بۇ ئىسىملار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارارلىرىدا شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىدا قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىسىملاردۇر.
خەلقئارا ئاخبارات ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار رايىس خىتاي دائىرىلىرىگە توردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت بېرىشنىڭ سەل ئالدىدا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى باھانە قىلىپ، مۇخبىرلارنى، تور يازغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 27 - ئىيۇندىكى بىر ئاخباراتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 6 ئايدىن بېرى ئاز دېگەندە 24 نەپەر مۇخبىر، توردا قارشى پىكىر بايان قىلغۇچى ياكى تور يازغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىم قايسى خىلدىكى تەدبىرلەرنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى " دەپ تەكىتلەيدۇ. زېمبابۋىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن رايىس، زېمبابۋىدىكى "شەرمەندىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سايلام زوراۋانلىقنى ۋە قالايمىقانچىلىقنى كۈچەيتىۋەتتى " دەپ كۆرسەتتى.
ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تالخا دۈشەنبە كۈنى 5 كىشىلىك بىر تىبەت سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنى خىتايلار بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تالخا سۆھبەتنى "بىز ئىجابىي بىر قەدەم دەپ ھېسابلايمىز. چۈنكى بۇ بىز تەرەپنىڭ خىتاي مەسلەكداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تىبەت مەسىلىسىدىكى قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزغا ئىمكانىيەت ياراتتى " دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا، خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى. بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى دالاي لاما بىلەن ھەقىقىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىشكە كۆپ قېتىم ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت ھازىرغا قەدەر ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىش ئۈمىدى باغلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رايىس، "مەن سۆھبەتنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى شۇنداقلا بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن " دەپ كۆرسىتىدۇ.
رايىس، ئامېرىكا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لامانى مۇستەقىلچى، دەپ ئەيىبلىشىگە قېتىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى"دالاي لاما زور ئەخلاقىي نوپۇزغا ئىگە زات بولۇپ، زوراۋانلىقنى رەت قىلغۇچى. ئۇ، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى تارىخى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغان شەخس " دەپ سۆزلىدى. كوندالىزا رايىسنىڭ ئىككى كۈنلۈك خىتاي سەپىرى ئۇنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيىلەردە ئېلىپ بارغان شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى شۇنداقلا ئاخىرقى بېكىتى ئىدى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى يەنى خىتاي زىيارىتىنىڭ 1 - كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپەتدارلارنى يوقلىدى.
" تۈرمىدىكى بىر قىسىم سىياسى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى "
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي زىيارىتىنىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا قىزىقىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بەزى نازۇك مەسىلىلەردە خىتاي رەھبەرلىرىگە بەزى تەلەپلەرنى قويدى.رايىسنىڭ دۈشەنبە كۈنى خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان تۈرمىدىكى بىر قىسىم سىياسى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا كومپارتىيىنىڭ ئىنتېرنېتنى تىزگىنلەشكە خاتىمە بېرىپ، سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. لېكىن رايىس، خۇ - ۋېنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكتىكى مەھبۇسلار مەسىلىسىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ پەقەت ئىسىملىكنىڭ خىتاي تەرەپ ئىسىملىكتىكى مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغانغا قەدەر ساقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
رايىسنىڭ تىزىملىكىدىكى مەھبۇسلار ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن، تارىخشۇناس توختى مۇزارت، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس، لېكىن بۇ ئىسىملار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارارلىرىدا شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىدا قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىسىملاردۇر.
" ئىنتېرنېت سىياسىي نۇتۇقلارنى چەكلەشنىڭ قورالى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك"
خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن رايىس، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى خىتايدا " كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلارنىڭ سانى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىنتېرنېتنى نازارەت قىلىش، قارشى پىكىرلەرنى تەقىپلەش، ئۆكتىچى پىكىردىكى تور يازغۇچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلاش ئەھۋالى ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. رايىس بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ:"ئىنتېرنېت ناھايىتى كەڭ تارقالغان نەرسە بولۇپ قالدى. ئۇ چەكلىمە ياكى سىياسىي نۇتۇقلارنى چەكلەشنىڭ قورالى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك".خەلقئارا ئاخبارات ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار رايىس خىتاي دائىرىلىرىگە توردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە تەمكىن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت بېرىشنىڭ سەل ئالدىدا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى باھانە قىلىپ، مۇخبىرلارنى، تور يازغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 27 - ئىيۇندىكى بىر ئاخباراتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 6 ئايدىن بېرى ئاز دېگەندە 24 نەپەر مۇخبىر، توردا قارشى پىكىر بايان قىلغۇچى ياكى تور يازغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
"شەرمەندىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سايلام زوراۋانلىقنى ۋە قالايمىقانچىلىقنى كۈچەيتىۋەتتى "
رايىسنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە خۇ، ۋېنلار بىلەن مۇزاكىرە قىلغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى زېمبابۋىدىكى سىياسى كىرىزىستۇر. خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كېڭەشنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ زېمبابۋىدىكى قانۇنسىز سايلامنى جازالاش تەكلىپى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىتاينىڭ رەت قىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى. رايىس دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا زېمبابۋىدىكى كىرىزىسقا تەدبىر قوللىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ" بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز.بۇ قېتىم قايسى خىلدىكى تەدبىرلەرنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى " دەپ تەكىتلەيدۇ. زېمبابۋىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن رايىس، زېمبابۋىدىكى "شەرمەندىلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سايلام زوراۋانلىقنى ۋە قالايمىقانچىلىقنى كۈچەيتىۋەتتى " دەپ كۆرسەتتى.
" سۆھبەتنىڭ ئىجابىي تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى، ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن "
بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن تىبەت ئىسيانى رايىسنىڭ خۇ، ۋېنلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىكى مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن رايىس، "مەن بولمىدى دېگەندە 2 - قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانلىقىدىن ئىلھاملاندىم..."دەيدۇ.ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ باياناتچىسى تەنزىن تالخا دۈشەنبە كۈنى 5 كىشىلىك بىر تىبەت سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنى خىتايلار بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تالخا سۆھبەتنى "بىز ئىجابىي بىر قەدەم دەپ ھېسابلايمىز. چۈنكى بۇ بىز تەرەپنىڭ خىتاي مەسلەكداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تىبەت مەسىلىسىدىكى قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزغا ئىمكانىيەت ياراتتى " دەپ تەكىتلىگەن.