ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 12 ‏ - سېنتەبىر كۈنى خىتاي قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىننى Ed Royce, Loretta Sanchez, Chris Smith ۋە Frank Wolf قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، خىتاي ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى Amy Rogger مەلۇمات بەردى.

يىغىندا ئولىمپىك مەزگىلدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى. دۇنيانىڭ خىتايدىن، ئولىمپىك پۇرسىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىكى خاتالىقىنى تونۇشىنى ۋە تۈزىتىشىنى كۈتكەنلىكى، رېئاللىقنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىپادىلەنگەنلىكى بايان قىلىندى. خىتاينىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئوڭشىمىغانلىقى ئەكسىچە يامانلاشتۇرۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان يىغىندا، ئۇيغۇرلار رامىزان مەزگىلدە دۇچ كەلگەن چەكلىمىلەر ۋە تىبەتتىكى ساياھەت چەكلىمىلىرى مەزكۇر ئەھۋالغا پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلدى. خىتاي ئەركىنلىك ھەرىكىتى ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى يىغىندا سوز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، فالۇنگۇڭچىلار ئۈستىدىن دىنىي قىرغىنچىلىق، تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بولسا ئېتنىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خىتايدا ئەڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەكىلى ئامي روگگەر سۆزىدە، يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا، 160 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ رامىزان مەزگىلىدە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئائىلىسىگە جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى، جەرىمانىنى تۆلىيەلمىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ بۇ ۋەقەنى پەقەت ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقلاردىن بىر مىسال دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئولىمپىكتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسەت يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتنى ھايات - ماماتلىق كۈرىشى دەپ ئاتىشىنى، رايوندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بىشارەت دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى، Chris Smith ئەپەندىدۇر. ئۇ ئولىمپىكتىن ئاۋۋال خىتاينى زىيارەت قىلغان، خىتاي تەرەپكە 734 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قويۇۋېتىشى تەلەپ قىلىنغانلار ئىچىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇۋەلى كېرىم قاتارلىق 46 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ تىزىملىكى بار ئىدى. ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش مەقسەتلىك باستۇرۇش يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا، يەنە، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ت. كۇمار، خىتاي ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى ۋە ھاررىي ۋۇلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى نازارىتى ھەققىدە نۇقتىلىق شىكايەت قىلدى. يىغىندا دۇنيا ئىنتېرنېت قانۇن لايىھىسىنىڭ دەرھال يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكى، شۇ چاغدىلا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چەكلىمىسىگە قارىتا ئەمەلىي ۋە كۈچلۈك چارە بىلەن تاقابىل تۇرۇش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە نۆۋەتتىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلۇسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئاخىرلىشىشتىن ئاۋۋال، دۆلەت مەجلىسىدە مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.