ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خوۋارد بېرمان، چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان " ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي " دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، پات يېقىندا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە دائىر بىر قارارنامىنى تونۇشتۇردى. قارارنامىدە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختىتىشقا، " ئولىمپىكنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئېچىۋېتىش ئەنئەنىسى"بىلەن مېڭىشقا ئۈندىگەن بولۇپ، كومىتېت رەئىسى خوۋارد بېرمان ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر قارارنامە بۈگۈن تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىن. ئەگەر تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا تەستىقلانسا، بۇ دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ. قارارنامىنىڭ ئەڭ سەزگۈر ماددىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر.
قارارنامىنىڭ بۇنىڭغا دائىر بىر ماددىسىدا بېيجىڭ دائىرىلىرى " ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى باستۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىنى قوللاشنى توختىتىش كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن. ئولىمپىك روھىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن قارارنامىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ 2008": - يىلقى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى ئولىمپىكنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئېچىۋېتىش ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىنغان مۇھىت ئاستىدا ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم." قارارنامە 12 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ماددىسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بېيجىڭدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا "بايانات ئېلان قىلىپ، " كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرۈشىنى "، تۈرمىدىكى "ۋىجدان مەھبۇسلىرى" نىڭ ئائىلە تاۋاباتى بىلەن كۆرۈشۈشىنى شۇنداقلا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
قارارنامىنىڭ يەنە بىر ماددىسىدا بېيجىڭ بىلەن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ئارىسىدىكى سۆھبەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئۈندەش تەلەپ قىلىندى. چارشەنبە كۈنكى يىغىندا سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بېرمان "خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى پوزىتسىيىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسى ئەركىنلىك دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي نىشانلىرىنىڭ بىرى. لېكىن بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا پىلانلىرىمىز قانداق بولىدۇ ؟ ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى توختىتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يەر شارى ھاۋا كىلىماتىغا ئوخشاش مەسىلىلەر " دەپ كۆرسەتتى.
يىغىن ئىسپات بەرگەن ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى Kenneth Lieberthal، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ يىل يۈز بەرگەن تىبەت ۋەقەسى، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش شۇنداقلا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن ھەر قايسى ئەللەردىكى نامايىش قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا جەلپ قىلدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ياردەم بېرىش خىزمىتى خىتايدا نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار بارلىققا كەلگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىغا قارىتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆز خەلقىنى شۇنداقلا ئېتنىك مىللەتلەرنى ھەر قايسى جەھەتلەردە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىش - كەلمەسلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ."
لېكىن يىغىندا ئىسپات بەرگەن ئامېرىكىدىكى " جۇڭگو پۇقرالار كۈچى" ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى ئولىمپىك يىغىنى خىتاي دىكتاتور ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشتىكى بىر قورالى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ياڭ جيەنلى،" مەن ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلمايمەن. بەلكى مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ۋەھىمە ئىچىدىكى تۈرمىلەردە سۆزلەش ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنىڭ پۈتۈن دۇنيادا، ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىدا ئوبرازىنى تىكلىشىگە مۇھتاج. بىز دائىرىلەرنىڭ تىبەت خەلقىنى باستۇرغانلىقىنى، دېموكراتىك زاتلارنى نازارەت قىلغانلىقىنى ۋە جازالىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. چەتئەللىك مۇخبىرلار بېيجىڭدا ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بارالىشى مۇمكىن. لېكىن جۇڭگو خەلقى ئەركىن سۆزلىيەلەمدۇ ؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئولىمپىك يىغىنى ھازىرقى دىكتاتور ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىر قورالىدۇر " دەپ ئەسكەرتتى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى بېرمان، چارشەنبە كۈنكى يىغىندا خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ،" چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتىدا 2007 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن مەتبۇئات، تور قوللانغۇچىلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن پۈتۈن چارە - تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېقىندا خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبى 67% چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىك ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى " دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا كرىشتايىن ياڭ قانۇن مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل رادىئومىزغا بەرگەن قارارنامە ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدە، قارارنامىنىڭ خىتايغا مەلۇم بېسىم ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرى تۈركەلنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، ئەگەر پرېزىدېنت بۇش ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلسا زور تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالا ئەزاسى ئېلىنا روس - لېتىنەنت خانىم، خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا سىياسى ئۆكتىچىلەرنى، پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ، " بۇ يىلقى ئولىمپىكنىڭ شۇئارىدىكى 'بىر دۇنيا بىر غايە ' ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كۈتۈلگەن ئىدى... ئەپسۇسكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىك بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆردى." لېتىنەنت خانىم يەنە، خىتاينى بۇ جەھەتتىكى خەلقئارا تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالماي، فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنى، تەشكىللىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.