يېقىندا كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىدە، بېيجىندىكى شىنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەلسەپە كافىدىراسىنىڭ پروفېسىسورى شۇنداقلا خىتايدىكى يېڭى كوڭزىچىلىق تەتقىقاتچىسى دانىئەل بەللنىڭ " خىتاينى كوڭزى پارتىيەسى ئىدارە قىلىۋاتامدۇ؟ "ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.ماقالىدە بۇندىن 40 يىل ئىلگىرى كوڭزىنى خىيال قىلىشنىڭمۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھادىسە بولىدىغان خىتايدا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كوڭزى ئىدىيەسىنىڭ خەلق ئىچىدىن ھالقىپ ئالىي مەكتەپلەر نەزىريىلىرى ۋە چەت ئەللەرگە قارىتا ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە ۋە تېز قەدەمدە تارقىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەخسەتلەر بايان قىلىنغان.
ئاپتۇر مۇنداق دەپ يازىدۇ : بۇندىن 40 يىل ئىلگىرى ھەر قانداق بىر خىتاي پۇقراسى ئۈچۈن كوڭزىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىش ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر ئىدى. كوڭزى ئەينى چاغدا خىتاي كومۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى سانالغان بولۇپ، ھەر ۋاقت خەلقنى كوڭزى ئىدىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىناتتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈلەتتى. ئاپتۇر يەنە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە،كوڭزى تەلىماتلىرى تەنقىد قىلىنغان ۋە بىمەنىلىك دەپ كەمسىتىلگەن ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا ماۋ زىدۇڭنىڭ رەسىملىرىنىڭ قوشۇپ بېرىلىدىغانلىغىنىمۇ ئەسكە ئالىدۇ.
خىتايدا كوڭزى ئىدىيىسى ھەققىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە بولغانلىقىدىن ئەجەپلەنگەن ئاپتۇر ماقالىسىدە،يەسلىلەردە كوڭزى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشنىڭ مودىغا ئايلانغانلىغىنى،2008 - يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىمۇ كوڭزى تەلىماتلىرىغا ئالاھىدە يەر بېرىلگەنلىكىنى، يېقىندا خىتايدا ئىشلەنگەن كوڭزى ھەققىدىكى فىلىمنىڭ خىتايدىكى كىنو كۆرۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، كىنو بېلىتى سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئادەم دېڭىزى بىلەن تولغانلىقىنى،بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئاۋاتار فىلىمىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېقىندا فرانسىيە ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەققىدە بەرگەن بىر ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ كوڭزى ناملىق فىلىمنى كۆككە كۆتۈرۈشىدىكى ئاساسى سەۋەبنىڭ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم ئاۋاتارغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاۋاتار ناملىق بۇ فىلىمدە مەلۇم بىر تاشقى پىلانىتلىق كۆك تېرىلىك ئادەملەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ياتلارنى قانداق قوغلاپ چىقارغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، فىلىم تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تىبەتنى بېسىۋالغان خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا،كوڭزى فىلىمى خىتاي ئىچىدە ناھايىتى زور دەب - دەبە قوزغىغان بىلەن چەتئەللەردە بازار تاپمىغانلىقى مەلۇم. چەتئەللەردىكى خىتاي زىيالىيلىرى بولسا خىتايدا ئىشلەنگەن كوڭزى فىلىمىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئاپتۇر دانىئەل بەلل ئۆزىنىڭ يەر شارى پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلغان " خىتاينى كوڭزى پارتىيىسى ئىدارە قىلىۋاتامدۇ؟ " ناملىق ماقالىسىدە، خىتايدا تولا تەنقىد قىلىنىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كوڭزىچىلىقنىڭ قايتا كۆككە كۆتۈرۈلۈپ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا پەدەزلەپ قايتا بازارغا سېلىۋاتقانلىقىدىكى ئاساسى سەۋەبلەنى مۇنداق شەرھىلەيدۇ.
خىتايدىكى كوممۇنىزم ئاللىقاچان ئۆز ئىقتىدارىنى يوقاتتى.گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كوممۇنىزم ئىدىيىسى ئالدىدا كوڭزىچىلىقنى ئانچە خالاپ كەتمىسىمۇ ئەمما، خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق بىر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كوڭزىچىلىقنى بىر كوزۇر ئورنىدا قوللانماقتا. ھازىر خىتايدا يەسلى بالىلىرىغىمۇ كوڭزى ھېكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىش مودا بولۇپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كوڭزىچىلىقنى خىتايدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تىنچلاندۇرۇش دورىسى سۈپىتىدە قوللانماقتا.
ئاپتۇر ماقالىسىدە خىتاينىڭ كوڭزىچىلىقنىڭ تەسىرىنى چەتئەللەرگىچە كېڭەيتىشى ۋە چەتئەللەردە كۆپلىگەن كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ كوڭزى نەزىرىيىسىنى بازارغا سېلىشىدىكى ئاساسلىق مەخسىتىنىڭ ھازىر دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلىق ۋە خرىستىئانلىق ئاساسلىرىغا كوڭزىچىلىق ئاساسلىرىنى مەجبۇرىي كىرگۈزۈش ئارقىلىق، غەربنىڭ خىتايغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ۋە خىتايدا بىخ سۈرۈۋاتقان غەرب ئىدېئولوگىيىسىگە بولغان قىزىقىشنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىكەن.يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلىۋاتقان كوگنزىچىلىقنى خىتايچە ئىدىيە دەپ ئاتاپ كوڭزىنى بىر ئىلاھ دەپ تەسۋىرلەيدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي كوڭزىچىلىقنى غەرب ئىدىيىسىنىڭ خىتايغا سىڭىپ كىرىپ خىتايدا بىر تىنچ ئۆزگەرتىۋىتىش ئېلىپ بېرىشىغا قارشى قالقان قىلماقچى ئىكەن.
كوڭزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 - ۋە 479 - يىلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ شەرقى جۇ خاندانلىقىدا ياشاپ ئۆتكەن. كوڭزى تەلىماتىنىڭ ئاساسى گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىتائەتچانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، كوڭزى پەلسەپەسىدە پۇقرا دۆلەتكە بوي سۇنۇش،ياش قېرىغا بوي سۇنۇش، ئايال ئېرىغا بويسۇنۇش، بالىلار ئاتا - ئانىلىرىغا بويسۇنۇش قاتارلىقلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن كوڭزىچىلىقتىن ئىبارەت ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن ئىتائەتچانلىق نەزىرىيىسى،دېموكراتىيەلىشىش يولىغا قاراپ كېتىۋاتقان دۇنيا يۆنۈلۈشىگە تەتۈر تاناسىپ بولۇپ،دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى كەينىگە بۇرىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر كوڭزىچىلىق ئىدىيىسىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى ئاللىقاچان ئۆز ئىقتىدارىنى يوقاتقان خىتاي كوممۇنىزمىنىڭ جان تالىشىش ئالدىدىكى ئاخىرقى كوزۇرى دەپ قارايدىكەن.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا،خىتاينىڭ چەتئەللەردە قۇرغان كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ سانى 100 گە يېقىنلاشقان بولۇپ،مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى چەتئەللەردە تېز كېڭەيتىش جەھەتتە تولىمۇ پايپىتەك بولۇۋاتقانلىقى دىققەت چەكمەكتە ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.