ئانالىزچىلار خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 17 - ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكىدىكى كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىغا بۇندىن كېيىن ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ھەم ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋىزا ۋاقتىنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

0:00 / 0:00


24 - ماي پەيشەنبە خىتاي بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ياڭ جيەنلى ھەم خۇ پىڭ ئەپەندىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ چەتئەللەردە خىتاي ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىش ھەم خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن ھەپتىدىكى قارارىدا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قۇرغان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ج - 1 ( ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان ۋىزا) ۋىزا بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ، خىتاي تىلى دەرسى ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، 2012 - يىلى 6 - ئايدىن ئىلگىرى خىتايغا قايتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمىمۇ 20 - ماي كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇھەقتە خەت يېزىپ،ئەگەر خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىش توختىتىلسا كۇڭزى ئىنىستىتوتىغا سېلىنغان مەبلەغ ھەم مەكتەپكە خىتاي تىلى ئوقۇش ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جيەنلى ئەپەندى ھەم بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى سىياسى ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلىشىدا بەزى كونكرېت سەۋەبلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەللەردە قۇرۇلۇۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ، «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» دېگەن چىرايلىق نامى بار، ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتايدىن كەلگەن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل ئوقۇتۇشتىن باشقا، ھەقىقى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۇڭزى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ ئاشكارا سالاھىيىتىدىن كۆرە، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ چەتئەللەردە كۆپلەپ قۇرۇشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق توختالدى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي تەرىپىدىن «چەتئەللەردە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش»نامىدا، زور مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى.

ياڭ جيەنلى:«خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش»نامىدا، 5 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ قۇرۇۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىلى خېلى بىر مەزگىل بولدى. مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇڭزى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئاساسەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش بىلەنلا شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ج - 1 ۋىزىسى ئارقىلىق تەكلىپ قىلىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەردە بولۇشقا تىگىشلىك تەتقىقات ئىقتىدارلىرىنىمۇ ھازىرلىمىغان. ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىتاي تىلى ئۆگىتىشتىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش بولماقتا. ھەتتا كۇڭزى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە خىلمۇ - خىل ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، كۇڭزى ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىلىرى تەركىپىدە ئاخبارات توپلاشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بىر تۈركۈم تەربىيىلەنگەن جاسۇسلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە، ئامېرىكىنىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىغا چارە كۆرۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قۇرۇلغان كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر مائارىپىغا قويۇلغان قائىدە - نىزاملىرىغا خىلاپ ھالدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قوللانغانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى نامىدىكى مەكتەپلەرگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رەتلەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللاندى ياكى سىياسى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ تەكشۈرمىدى. بەلكى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا. چۈنكى، كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئىنىستىتوت نامىدا تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنىستىتوتلار ئامېرىكىنىڭ ئاساسى مائارىپ سېستىمىسى بولغان باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي تىلى دەرسى ئۆتۈۋاتىدۇ. تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچىلار تولىمۇ ئاز ساندا. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدىمۇ ئېغىر مەسىلە بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۇڭزى ئىنىستىتوتلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋىزا مەسىلىسى ھەققىدە ئالغان قارارىدىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا ھەر خىل ناملار بىلەن ئۇچۇر توپلاۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەدبىر ئېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.