خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى
2011.09.29
خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 27-سېنتەبىر «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئەنگلىيە «ئىقتىساد» گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار بېسىلدى.
خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىدا، خىتايدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات- «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت -سەنئەت جەمئىيىتى» نىڭ 17-سېنتەبىر، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپلا، بېيجىڭدىكى شىاڭشەن تېغىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆز ئالدىغا 2011-يىللىق«كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىرىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەيىبلەنگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ بىكار قىلىنغاندىن سىرت، «خىتاي سەھرا مەدەنىيەت-سەنئەت جەمئىيىتى» قارمىقىدىكى «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش» ئاشخانىسىنىڭمۇ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن.
«كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» بۇلتۇر نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات -«خىتاي سەھرا مەدەنىيەت سەنئەت جەمئىيىتى» تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان.
بۇ تەشكىلات «كۇڭزى مۇكاپاتى» سوممىسىنىڭ 100مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىنى يەنى«نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» تارقىتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرىكى ۋاقىتنى «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىش مۇراسىمى» كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
2010-يىلقى 1-قېتىملىق «كۇڭزى مۇكاپاتى» تارقىتىلىشتىن ئىلگىرى خىتايدىكى «ئىناق جەمئىيەت تەتقىقات ئورگىنى» نىڭ باشلىقى ليۇ خاۋفېڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرى تەسىس قىلغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ بەزى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن شەرق ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلگىنى ئۈچۈن، بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرى 1-قېتىملىق «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ «تەيۋەن دېموكراتىيە ۋە ئىلغارلىق پارتىيىسى» نىڭ سابىق رەئىسى لىيەن جىيەنگە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما لىيەن جىيەننىڭ مۇكاپاتنى ئېلىش مۇراسىمىغا كەلمىگەن ئىدى.
17-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ 2- قېتىملىق نامزاتلار تىزىملىكىدە، رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى پۇتىن، گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئەنگىلا مېركېل، خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن تىبەتلىك بەنچەن لاما 11 قاتارلىق 6 كىشى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى «لاۋگەي» فوندى جەمئىيىتىدىكى ياڭ لىيۈ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى ئەسلى مەقسەت، بۇلتۇرقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. ئەمما، بۇ مۇكاپات خىتاي دائىرىلىرىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. «كۇڭزى مۇكاپاتى» نىڭ كۇڭزى تەتقىقاتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان بىر كىچىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن تەسىس قىلىنىشى، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىملىق كۇڭزى مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىنغان تەيۋەنلىك لىيەن جىيەن ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتنى ئالغىلى كەلمەسلىكى، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ تەييارلىقسىز ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشى قاتارلىق ئامىللار، جەمئىيەت تەرىپىدىن تەنقىد ۋە مەسخىرىگە ئۇچراپ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مەسخىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
ياڭ لىيۈ ئەپەندى يەنە خىتايدا جەمئىيەت ئېقىمىغا قارشى بۇنداق قىلمىشلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى ئۈچۈن، خەلقئارادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ماس قەدەمدە ماڭالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەدەنىيىتى ھەم قاراشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە مەجبۇرى تاڭغان ھالەتتىمۇ، ھازىرقى مەدەنىيەت دۇنياسىدا بۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.