خىتاي بۇ يىل «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نى پۇتىنغا نېمە ئۈچۈن بەرگەنلىكى ھەققىدە، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كۇڭ چىڭدۇڭ ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پۇتىن رۇسىيە خەلقىگە بەخت ئاتا قىلغانلىقى ۋە 2011-يىلى يازدا ناتونىڭ لېۋىيىنى بومبىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلدى، دېگەن.
ئۆزىنى كۇڭزىنىڭ 73-ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئەرباب يەنە، رۇسىيىدە خەلق پۇتىننىڭ سايلام ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ۋە ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن پىتنە قىلىپ، كۇڭزى مۇكاپاتى ئامېرىكىدىن ئىبارەت دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزىدىغان لۈكچەك دۆلەت بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات، دۇنيا تىنچلىقى ئۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدۇ، ئەگەر خىتاي كورىيىگە ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش قىلمىغان بولسا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيە، ھەتتا ياپونىيىلەردە بۈگۈنكىدەك تىنچلىق بولمايتتى. تىنچلىق دېگەن يىغلاپ ئەرز قىلغانغا كەلمەيدۇ، پۇتىندەك ئادەم قوغدىغاندا قولغا كېلىدۇ، دېگەن.
شۋېتسارىيىدە چىقىدىغان «يېڭى زايتۇڭ گېزىتى» (نەۇە زۇرچىر زەىتوڭ) خىتاينىڭ بۇ يىل «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋېلادېمىر پۇتىنغا بەرگەنلىكى، ئەمما پۇتىن ئۇنى ئالمىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەنجەنگە بەرگەندە، ئۇمۇ ئالمىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ كىمگە بەرسە شۇ ئالمايدىغان بۇ «كۇڭزى مۇكاپاتى» زادى قانداق مۇكاپات ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنى ئېلان قىلدى.
فرانسىيە پەيلاسوپى ئاندرىې گلۇكسماننىڭ قارىشىچە، خىتاي «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان. كۇڭزى مۇكاپاتىنى نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئەخلاقىغا قارشى تۇرىدىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى لايىھىلىگەن. خىتاي بۇ يىلقى «كۇڭزى تىنچلىق مۇكاپاتى» نى ب د ت نىڭ لۈكچەك دۆلەتلەرنى جازالاش قارارلىرىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كازافىيدەك مۇستەبىتلەرگە ھەرىكەت قوللىنىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە مۇستەبىتلىرىنىڭ تەربىيىچىسى، كاۋكاز رايونىدا ئاران بىر مىليون نوپۇسى بار چېچەنلەرنىڭ 200 مىڭىنى قىرىپ تاشلىغان قاتىل پۇتىنغا بەردى. ئەمما بۇ كۇڭزى مۇكاپاتى ھازىر، خۇددى پۇتىن «بىر تېيىنگە ئەرزىمەيدىغان نەرسە» دەپ تەسۋىرلىگەندەك قەدىرسىز نەرسىگە ئايلاندى.
فرانسىيە پەيلاسوپى ئاندرىې گلۇكسماننىڭ قارىشىچە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ چەتئەللىكلەرگە ئۆز تىلىنى ئۆگىتىدۇ، ئەمما بۇ، خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى چەتئەللىكلەرگە خىتاي تىلىنى ئۆگىتىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىدە قەدىمكى مەدەنىيەت يوق، بەلكى كەلگۈسىدە ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنى يوق قىلىشنى نىشانلىغان كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسى بار.
ئاندرىې گلۇكسماننىڭ قارىشىچە، كۇڭزىچىلىق بىر مەدەنىيەت ياكى دىن ئەمەس، كۇڭزىنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن ئىزچىل بىر مىللىي ئېتىقاد ئاساسىدىكى مەدەنىيەت ئۇقۇملىرى چىقمايدۇ، ئۇ پەقەت ئادەملەرنىڭ شەخس، ئائىلە ۋە دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇستەبىتلىك شارائىتىدا شەكىللەنگەن ئالىيلىق ۋە پەسلىك دەرىجىلىرىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، كۇڭزىچىلىق-پادىشا ۋە ئەمەلدارلارنى ئالىي دەپ بىلىپ خۇشامەت قىلىپ، ئاۋام خەلقنى ھاماقەت دەپ بىلىپ ئۇلارغا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ياشاش دېگەنلىكتۇر. خىتاي تارىخىدا پادىشاھقا كۇڭزىچىلىق كېرەك بولغاندا ئۇنى يولغا قويغان، پۇتلىكاشاڭ بولغاندا ئۇنى سۆككەن. ماۋ زېدۇڭمۇ شۇنداق قىلغان. ئەمما ھازىر، كوممۇنىست خىتاي رەھبەرلىرىگە كۇڭزىچىلىق كېرەك بولۇپ قالغان.
گېرمانىيە خىتايشۇناسى رويتسنىڭ قارىشىچە، كۇڭزىچىلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ قەدىمىي خىتايدىكى ئىپتىدائىي دىن چۈشەنچىلىرى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق، كۇڭزىچىلىقنى خىتاي مەدەنىيىتى ياكى خىتاي دىنىي دېگەن سەپسەتىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك.