كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدىن كۈتۈلىۋاتقان ئۈمىدلەر

گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ 13 -14 - دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ نامايىشچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، نامايىشچىلار بۇ قېتىمقى يىغىندا ھەقىقى ئەمەلىيلىشىدىغان، قانۇن ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغان بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار „تەبىئىي مۇھىت مەسىلىسى بۇ يىغىنغا قاتنىشالمايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. سىياسەتچىلەر ئىنسانلارنىڭ كېلەچەك ھاياتى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك" دېيىشكەن.

" 'غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش' دېگەنلىك -- شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىش ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى يەنىمۇ كۆپ بۇلاپ - تالاش بەدىلىگە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس."

ب د ت مۇھىت ئاسراش كومىتېتى كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدا، 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە 100 مىليارد يېۋرو مۇھىت ئاسراش مەبلىغى ھازىرلاپ، تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە ياردەم قىلىشنى ۋە ئۇلارنى ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلغان. ياۋروپا بىرلىكى بۇ جەھەتتە تەشەببۇسكار ۋە ھەيدەكچى ئورۇندا تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دەرھال 73 مىليارد يېۋرو چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي تەرەپ زادى قانچىلىك مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن. 77 دۆلەت ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىۋاتقان كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدا چىقىدىغان قارارغا دۇنيانىڭ دىققىتى تىكىلمەكتە.

د ئۇ ق رەئىس رابىيە قادىر خانىم بولسا غەرب ئەللىرىدىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا، دۇنيادا مۇھىت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا ناھايىتى جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنىڭ بارلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ؛ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي تەرەپ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدا، خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" ئارقىلىق ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى "بۇ دېگەنلىك -- شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىش ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى يەنىمۇ كۆپ بۇلاپ - تالاش بەدىلىگە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس" دەپ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بولسا، خىتاينىڭ كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆزىنىڭ مەنىسىنى غەرب ئەللىرى كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ تۈپ غەرىزىنىڭ بۇ يىغىندا "شەرقىي تۈركىستاننى داۋاملىق بۇلاشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى قۇربان قىلىپ، ئۆزىنى سەمرىتىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى"نى تەكىتلىدى.

كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنى مۇناسىۋېتى بىلەن، ھازىر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 4 مىڭ خىلدىن ئارتۇق پائالىيەت داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە „ھاياتىمىزنى سىياسىي قىمارغا دەسمى قىلماڭلار" دەپ مۇراجىئەتلەر قىلىشماقتا. ئەمما مۇھىت مەسىلىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ناچار بولغان، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىش بەدىلىگە قەد كۆتەرگەن خىتاينىڭ زادى قانچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ "غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" ئارقىلىق مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش شۇئارى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.