كۆرەلمەسلىك مىللەتنىڭ ۋابا كېسىلى

ھەر قانداق بىر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئارىسىدا مېھرى - مۇھەببەت، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىققا توسقۇن بولىدىغان ناچار ئىللەتلەر كۆپ بولۇپ، كۆرەلمەسلىكمۇ شۇ رەزىل ئىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆرەلمەسلىك ئۆچ - ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان قەبىھ روھىي ھالەت بولۇپ، قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

0:00 / 0:00

كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى

كۆرەلمەسلىك ئۆزى ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مال - مۈلۈك، ھوقۇق - مەنسەپ، ئىلىم - ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىشتۇر. جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر بۇ دۇنيادىن ئىبارەت قىسقىغىنا ھاياتلىق سەھنىسىدە بىلىپ - بىلمەي بۇ خىل رەزىللىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. دوست بۇرادەرلىرى، خۇلۇم - خوشنىلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئازغىنا مال - مۈلكىگە، كىچىككىنە ھوقۇق - مەنسىپىگە كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ. مۇنداقلار باشقىلارنىڭ شادلىقىدىن غەمكىن بولىدۇ، ئەلەم تارتىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن زەخمەت چېكىدۇ.

شۇڭا قۇرئان كەرىم كۆرەلمەسلەرنىڭ بۇ خىل پەسكەشلىكلىرىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن:" ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت، غەنىمەت قاتارلىق) بېرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە (ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك، ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خوشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە سەبىر قىلساڭلار ۋە ( سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا) ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ".

سىراجىددىن ئەزىزىي بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئالىم سىراجىددىن ئەزىزىي كۆرەلمەسلىك ئىللىتىنىڭ رەزىللىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" زېمىندا تۇنجى تۆكۈلگەن قانمۇ كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ ناچار ئىللەتنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان. يەنى كۆرەلمەسلىك ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئوغلى قابىلنىڭ ئۆز قېرىندىشى ھابىلنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغان. نەتىجىدە، قابىل زېمىندا قاتىللىق جىنايىتىنى يولغا قويغان تۇنجى ئادەم بالىسى بولۇپ، كېيىنكى قاتىللارنىڭ قىلمىشلىرىدىن نېسىۋىدار بولغان. ھەدىستە:" ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار! بىر - بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلماڭلار! بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ، ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرۇش نەتىجىسىدە، بىر - بىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈشۈپ يات بولۇشۇپ كەتمەڭلار! ئۆزئارا قېرىنداشلارچە بولۇڭلار!" دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ھەدىس كۆرەلمەسلىكنىڭ ئىچكى ئىناقسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىل، بۆلگۈنچىلىكنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تارىختا نۇرغۇنلىغان ئالىم، ئەدىبلەر، ھېكمەت ئەربابلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھېكمەت دۇردانىلىرىدا كىشىلەرنى كۆرەلمەسلىك ئىللىتىدىن يىرگەندۈرۈپ، گۈزەل ئەخلاققا چاقىرغان. ئۇيغۇر ئەدىبىي ناۋايى كۆرەلمەسلەرنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ مۇنداق دېگەن:" كۆرەلمەس كىشى ھەر تال تىكەننى گويا قىممەتلىك جاۋاھىراتنىڭ ئورنىدا كۆرسە، ئۇششاق سەدەپ پارچىلىرىنى مارجان ئورنىدا كۆرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيىدە پېتىر ناننى كۆرسە، ئۇنى ئاسماندىكى تولۇن ئاينى كۆرگەندەك ئىچى ئۆرتىنىپ كېتىدۇ". ئەمما باشقىلاردا بار ئارتۇقچىلىقلارنىڭ ئۇلاردىن يوقىلىپ كېتىشىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىمۇ بار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش كۆرەلمەستىن سانالمايدۇ."

كۆرەلمەسلىكنىڭ زىيىنى كۆپ

سىراجىدىن ھاجىم كۆرەلمەسلىكنىڭ زىيىنى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى:"كۆرەلمەسلىكنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك يامان ئاقىۋەتلەرگە قالىدىغانلىقى ھەققىدە بۈيۈك ئالىم ئەبۇ لەيس سەمەرقەندىي مۇنداق دېگەن:" كۆرەلمەسلىكنىڭ زىيىنى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن كۆرەلمەسنىڭ ئۆزى مۇنداق بەش تۈرلۈك ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ: بىرىنچىسى، تۈگىمەس غەم - غۇسسىگە دۇچار بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ھېچبىر چارىسى يوق مۇسىبەتكە گىرىپتار بولىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، خەلق ئىچىدە سېسىق نامى پۇر كېتىدۇ؛ تۆتىنچىسى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ؛ بەشىنچىسى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىشىكى تاقىلىدۇ، خەير - ئېھسان ۋە مېھىر - شەپقەتتىن مۇتلەق نېسىۋە كۆرەلمەيدۇ". دېمەك، كۆرەلمەس ئادەمنى زادى رازى قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئامىتى يوقالغاندىلا رازى بولىدۇ".

كۆرەلمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەۋسىيەلەر

سىراجىدىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدى بىلەن ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ئۇچراشقان ياخشىلىققا قانائەت قىلىشى، ئۆزىدىن بەخىتلىكرەك بولغان كىشىلەرگە ئۆزىنى سېلىشتۇرماستىن، ئۆزىدىن تۆرەن، ناچار ھالدىكى ئادەملەرگە قاراپ ئۆزىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە رازى بولىشى لازىم. بىر ھەدىستە:" قايسى بىرىڭلار ئىقتىساد ۋە بەدەن قۇرۇلۇشىدا ئۆزىدىن ئارتۇق كىشىگە نەزىرى چۈشسە، دەرھال ئۆزىدىن تۆۋەن ئادەمگە قارىسۇن" دەپ كەلگەن. شۇنداقلا ئىنسان كىچىكىدىن باشلاپ كۆكسى - قارنىنى كەڭ تۇتۇش، ياخشىلارنى قوللاشنى ئادەت قىلىشى زۆرۈردۇر.