مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى يۇرۇق دۇنيادىكى بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا خەلقىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، كۈلكىسىگە جۆر بولۇپ ياشىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىدا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا،خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىراتتى، دۇنيا خەلقىنى ئىزىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشقا دەۋت قىلاتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن جەڭگىۋار روھ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى ئىدى.
بۈگۈنكىدەك مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى قان تۈكۈپ شىېھىت بولغان مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ئۇنىڭ "شېھىتلەر ئۆلمەس" دېگەن ناخشىسىدا ئىپادىلەنگەن مەدھىيە سۆزلىرى 5 - ئېيول كۈنى قۇربان بولغان مىڭلىغان ياشلار ئۈچۈن ئۇقۇلغان تەزىيە ۋە مەدھىيە بولغۇسىدۇر.
مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى بىلەن سىياسى پائالىيەتلەردە ئۇزۇن يىل بىرگە بولغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ماھىنۇر خانىم مەرھۇمنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "گەرچە مەرھۇم ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، لىكى خەلقى ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەنى مىراسلارنى، جەڭگىۋار روھىنى ۋە قايتماس ئىرادىىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارمىنىغا يېتەلمىگەن ئىستەكلىرى ئەۋلاتلىرىنىڭ قەلبىدە چېچەك ئاچقۇسىدۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.