غەرب مەتبۇئاتلىرى: تارىم مۇمىيالىرى كۆرگەزمىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى سىياسىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلگەن «يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا 18- فېۋرالدىن باشلاپ ئېچىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملار ھەققىدە ھەرخىل ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بەزى ماقالىلەردە كۆرگەزمىگە قويۇلغان تارىم قۇرۇق جەسەتلىرى قوزغىغان ھەيرانلىق تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

كۆرگەزمىگە 40 ياشلار چامىسىدا دەپ قارىلىۋاتقان 3 مىڭ 800 يىللىق ئايال مۇمىيا، بىر بوۋاق، ۋە يەنە 1 مېتىر 98 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئەر مۇمىيانىڭ كىيىم-كېچەكلىرى قويۇلغان. غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە كۆرگەزمىگە قويۇلغان قۇرۇق جەسەتلەرگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. بەزى خەۋەرلەردە خىتايلار « شاۋخې گۈزىلى» دەپ ئاتىۋالغان ئايالنىڭ مۇمىياسى « ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دەپ سۈرەتلەندى.

ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شتاتىدىن چىقىدىغان « دەلىكوم ۋاقتى» تورىدا بېرىلگەن « سىرلارنى ئېچىش» ناملىق ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىل- ئەدەبىياتى پروفېسسورى ۋېكتور مېيېر كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئايالنىڭ جەسىتىنى گېرمانىيىنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى مارلېنې دىئېترىچ (Marléné Di'étrich) كە ئوخشاتقان ۋە: مەن ئۇنى قۇملۇقتىن كەلگەن مارلېنې دىئېترىچ دەپ ئاتايمەن، دېگەن.

دوكتور مېيېر يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ مۇمىيالار بىز كۈتكەندەك خىتايلارغا خاس ئىرقىي ئالاھىدىلىككە ئەمەس بولۇپ، بەلكى بۇلارنىڭ بويى ئېگىز، تېرىسى ئاق، چاچلىرى قىزغۇچ قوڭۇر. ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق.

ماقالىلەردە يەنە بۇ قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ قەدىمىي ياۋروپا، شەرقىي ياۋروپا ياكى غەربىي ياۋروپالىقلاردەك كىيىنگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان « ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل سەپەر ئۈستىدىكى يەنە بىر بېكەت» ناملىق ماقالىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان 10 ئايلىق بوۋاقنىڭ سۇس قوڭۇر چاچلىرىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن كەشمىر بۆكتىن چىقىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ يېنىغا ئۆچكە تېرىسىدىن ياسالغان سۈت بوتۇلكىسى قويۇلغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.

ھالبۇكى، ماقالە مۇئەللىپلىرى ئورتاق ھالدا بۇ كۆرگەزمىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە كۆرگەزمە ۋاقتىنىڭ نېمە ئۈچۈن قىسقارتىلغانلىقىدىكى ھەيرانلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.
« يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق بۇ كۆرگەزمە بىر يىل ئىلگىرى كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان بوۋېرس مۇزىيى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە شۇندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى بىر نەچچە مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى، كۆرگەزمە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيىدا ئېچىلىشقا ئىككى ھەپتە قالغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئەسلىي بۇيۇملارنى كۆرگەزمىگە قويۇشتىن يېنىۋالغان.

ئەسلى بۇ كۆرگەزمىنىڭ پېنسىلۋانىيە مۇزېيىدا 5- فېۋرالدىن بۇ يىل 5- ئىيۇنغىچە ئېچىلىشى پىلان قىلىنغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى كۆرگەزمىنى نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن بولسىمۇ، پېنسىلۋانىيە مۇزېي دائىرىلىرى بۇنى بىر «ئۇقۇشماسلىق» دەپ ئىزاھلىغان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە كۆرگەزمىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى سىياسىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن « ئەتراپىڭىزغا باقسىڭىز. كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇ بۇيۇملارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانتروپولوگىيىلىك ۋە ئېستېتىك مۇھىملىقىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەزمۇنلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.»

ماقالىدە بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىسمىنى « يىپەك يولىنىڭ سىرى» دەپ قويۇشنىڭ تولىمۇ تارلىق قىلىدىغانلىقى، چۈنكى كۆرگەزمىگە قويۇلغان بەزى بۇيۇملارنىڭ يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋرلەردىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئايال جەسىتىنىڭ مىس قوراللار دەۋرىگە تەۋە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، سىياسىي كىلىمات سەۋەبىدىن نۆۋەتتە مەزكۇر قۇرۇق جەسەتلەرگە ئائىت تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلغان. بەزى فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى، خىتايغا ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنىڭ كۈتمىگەن يەردىن بايقىلىشى قاتارلىقلار غەرب ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشىنى تەسلەشتۈرگەن.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزېيى «يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق تارىم قۇرۇق جەسەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى. كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان 150 خىل ئارخېئولوگىيىلىك بۇيۇم قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە بۇ يىل 28 - مارتقىچە داۋام قىلىدۇ.