تۈركىيىنىڭ ئىككى چوڭ ۋىلايىتىدە "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى" كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

تۈركىيىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ترابزون ۋىلايىتىنىڭ ئاقچائابات ناھىيىسى بىلەن تۈركىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 27-كۈنى "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى" كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

بۇ كۆرگەزمىگە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەردىن باشقا يەنە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرمۇ قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا كۆرگەزمە ئېچىلغان ئورخانغازى باغچىسىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىدىن تاللانمىلارمۇ ئاڭلىتىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.

بۇ كۆرگەزمىلەرنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋىلايەتلىك مەتبۇئاتلاردا بۇ خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. تۈركىيىنىڭ ترابزون ۋە بۇرسا ۋىلايەتلىرىدە "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى" ناملىق كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان، "كۆكبايراق" ژورنىلىنىڭ ترابزوندىكى تارقىتىش ۋەكىلى جانەر قارا ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى تەشكىلات مەسئۇلى تەبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. جانەر قارا ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىلەرگە تۈرك خەلقىنىڭ بەكلا قىزىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى دۇنياغا ۋە تۈرك ئەللىرىگە ئاڭلىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ كۆرگەزمىنى تۈركىيىنىڭ باشقا 13 ۋىلايىتى ۋە ئازەربايجاندىمۇ ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.