شىمالىي كورىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ يۇنيۇڭ ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىنى توپقا تۇتۇپ، ئاز دېگەندە 2 نەپەر جەنۇبىي كورىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 گە يېقىن ئەسكەر ۋە پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋەقەسى، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەنۇبىي كورىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي كورىيە جەنۇبنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، 43 نەپەر جەنۇب ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. "چۇڭنەن " ناملىق جەنۇبىي كورىيە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيچىلىك بېسىقماي تۇرۇپلا، بۇ قېتىم شىمالىي كورىيە توپچى قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.
نۆۋەتتە، خەلقئارا جامائەتچىلىك جەنۇبىي كورىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ بۇ ۋەقەگە قايتۇرغان تۇنجى ھەربىي ئىنكاسى بولسا، جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرلىشىپ سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكا پىلوتى يەكشەنبە كۈندىن باشلاپ سېرىق دېڭىزدا جەنۇبىي كورىيە بىلەن 4 كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان. جەنۇبىي كورىيىدىكى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر باياناتدا يەنە، گەرچە بۇ مانېۋرنىڭ بۇرۇن پىلانلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مانېۋىر ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق رايون مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا يەكشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان مانېۋرنىڭ مەقسىتى شىمالىي كورىيىگە ئىلگىرىلەپ ھەيۋە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ سېرىق دېڭىزغا ئاۋىئاماتكا پىلوتى ئەۋەتىپ، جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانى خىتاينىڭ ئىزچىل قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ قېتىم خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا. ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى مېڭباك بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى قوغداش جەھەتتە ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، " ئامېرىكىنىڭ يېقىن دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشى جەنۇبىي كورىيە بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن. ئوباما لى مېڭباك بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇنىڭغا شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا دائىر سوئاللار قويۇلغان.
لېكىن، ئوباما "جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى مېڭباك بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ھەربىي ھەرىكەتكە دائىر مەسىلىلەردە دەرگۇمانلىق بايانلاردا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراينىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىكى پىكىر بىرلىكى ئوباما بىلەن لى مېڭباكنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان. ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قارارى شىمالىي كورىيىنىڭ يۇنيۇڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ھەرىكىتىگە قايتۇرغان تۇنجى جىددىي ئىنكاسدۇر. 2 - قەدەمدىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك تەس. بەزى ئانالىزچىلار، بۇنىڭدا خىتاينىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يۇنيۇڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پرېزىدېنت ئوباما ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى نائوتو كان قاتارلىق رەھبەرلەر خىتايدىن ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پيوڭياڭنىڭ ئىلگىرىلەپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ھوڭكوڭ لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسى پەنلەر پروفېسسورى برئاين برىجىسكە ئوخشاش بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچى چەكلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيە سىياسىتى ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ كورىيە سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ قاراشتىكى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكا سىياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تاشقى سىياسەت پروگرامما دېرىكتورلىرىدىن جون فېفۇر بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈش تەرەپدارى. جون فېفۇر " مېنىڭچە، تۈرلۈك ئالامەتلەردىن بىزنىڭ سىياسىتىمىزنىڭ ئىشقا يارىمايۋاتقانلىقى مەلۇم. مېنىڭچە، سىياسەتنى قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈپ، قانداق قىلغاندا ئامېرىكىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، دېگەننى قايتا ئويلىشىش كېرەك" دەيدۇ.
كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە نىسبى مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئامېرىكا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، يادرو كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش ئارزۇسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئامېرىكا، پرېزىدېنت كلىنتون دەۋرىدە 1994- يىلى شىمالىي كورىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، پيوڭياڭ يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋا كېچىدىغان، ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى يېقىلغۇ ۋە يېمەك- ئىچمەك بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغان ئىدى. لېكىن كلىنتون ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە كېلىشىمنى ئىجرا قىلمايلا قالماي، ئارقا -ئارقىدىن ئىككى قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان. لېكىن، ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنت بۇش ۋە ئوباما دەۋرىدە ئۇلار داۋاملىق 6 دۆلەت سۆھبىتى ئارقىلىق شىمالىي كورىيىنى يادرو قوللاردىن خالى قىلىش يولىنى تۇتۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا رايوندىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن پيوڭياڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق سۆزلەشمەكتىكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى مارك تۇرنېر مىنىستىرلىقنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا "ئامېرىكا شېرىك دۆلەتلەردىن قۇرۇلغان مەۋجۇت رامكا دائىرىسىدە ئويلىشىپ، بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى داۋاملىق سۆزلىشىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشتا ھەل قىلغۇچ رولى بارلىقىنى، پيوڭياڭغا ۋەزىيەتنى قەستەن جىددىيلەشتۈرۈشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، تۈنۈگۈنكى سۆزىنى يەنە تەكرارلاپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ، دەرھال سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغاندىن سىرت، شىمالىي كورىيىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھېچقانداق سۆز - ئىبارە قوللانمىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كروۋلېي بولسا " ھازىرقى ۋاقىت پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىمالىي كورىيىگە ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ نەپ بەرمەيدىغان، پايدىسىز ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكنى دەرھال توختىتىشىنى ئېيتىپ قويىدىغان ۋاقىت. بۇ بىزنىڭ تۈنۈگۈن خىتايغا بەرمەكچى بولغان بىشارىتىمىزدۇر" دېگەن.
0:00 / 0:00