يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، "ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مۇھىت ۋە مەدەنىيەت رىقابىتى شەكىللەندۈرگەن بىر قىسىم كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ۋە رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىش ئىكەن."
يىغىنغا، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار، ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. بۇ يىغىنغا ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبى رايونىدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇسالام ئابدۇغەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئەرەبچە ۋە ئېنگىلىزچە مەخسۇس تەييارلىغان ماتېرىيالىنى سۇندى. ئۇ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىلا خىتاي ۋەكىلىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا خىتاينى ئاقلاپ سۇنغان مەلۇماتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەلىل پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشكەن تەشكىلى ئورگىنى بولۇپ، 1969 - يىلى ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا قۇرۇلۇشى قارار قىلىنغان، 1971 - يىلى 5 - ئايدا رەسمى قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ 57 دۆلەتتىن ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەزاسى بار، ب د ت دا دائىمىي ئەزالىققا ئىگە تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.