يەكشەنبە كۈنى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەش' ئىلى جەنۇبىي كورىيىنىڭ پايتەختى سېئۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە كېرىيىدە ئوقۇۋاتقان 4000 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق تۈرلۈك ساھەلەرگە مەنسۇپ خىتاي پۇقرالىرى قىزىل بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن داغدۇغىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا خۇددى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا تىبەتلەرنى ھىمايە قىلىدىغان ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۈز قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان ئامما تىنچ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا بوتۇلكا ۋە تاشلارنى ئاتقان ھەمدە ئۇلارغا قوپاللىق بىلەن چېقىلغان. تىبەتلەرنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلات ئەزالىرى كورىيە ساقچى دائىرىلىرىغا ئاز دېگەندە ئون نەچچە ئادەمنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورىيىلىكلەرنىڭ ئىنكاسى
خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل قوپال ھەم زوراۋان قىلمىشلىرى كورىيىلىكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇلاردا خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سەلبىي ئىنكاسلارنى قوزغىغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 29 - ئاپرىل كۈنى بىر قانچە ئون نەپەر كورىيىلىك پائالىيەتچىلەر سېئولدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، قوللىرىدا " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز" دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان. جەنۇبىي كورىيە ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىر تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق سەۋەبىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى ھەم خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرزى قىلىپ، ئۇلارنى تۆلەم تۆلىتىش ھەم ئەپۇ سوراتقۇزۇشنى پىلانلىغان .
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان دەخلى - تەرۈز تەرىقىسىدە چۈشىنىلگەن. جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرى مىنىستىرلار يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، " ئەگەر بۇ قېتىمقى ۋەقە دۆلەتنىڭ غۇرۇرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەتكۈزگەن بولسا، ئۇنداقتا دەرھال ئەدلىيە ۋە دىپلوماتىيىلىك چارىلارنى قوللىنىشىمىز لازىم" دەپ تەكىتلىگەن.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغان خىتايلارنى جازالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەتتا، بەزى ئۇچۇرلاردا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە بېرىش ۋىزىسى ئېلىشىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇش پىكىرلىرى مەيدانغا چىققان .
خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق قىلغان خىتايلارنى جازالايدىغانلىقىغا نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، " بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى قوغدىشى بىر خىل تەبىئىي ئەھۋال، بەلكى بەزى چەكتىن ئاشقان ئىشلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، بىز ئەينى مەيداندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشىنىشىمىز لازىم" دېيىش ئارقىلىق زوراۋانلىق قىلغانلارنى ئاقلاشقا تىرىشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بىلەن باغلاپ، چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە پۇقرالىرىنىڭ مەشئەلنى كۈتۈۋېلىش نامايىشلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىماقتا.
خىتاينىڭ "ككتۋ" سىدا بۇ ھەقتە توختالغان خىتاينىڭ "يەر شارى گېزىتى" نىڭ باش مۇھەررىرى " چەتئەللەردىكى ۋە خىتاينىڭ ئىچىدىكى خىتايلارنىڭ ئىدىيىسى، ھايات مۇساپىسى، زور دەرىجىدە ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن، ئولىمپىك مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە مەيدانىنىڭ ئوخشاشلىقى، چۈنكى ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش جۇڭگونىڭ بىر قانچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئارزۇسى بولۇپ، ئاددىي بىر ئولىمپىك ئەمەسلىكى، چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار بىلەن جۇڭگونىڭ ئىچىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلىكتە، ئۆزلىكىدىن ئولىمپىكنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى خىتايلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش يولىدا سادىر قىلغان قوپال قىلمىشلىرىنى توغرا چۈشىنىش مۇمكىنلىكىدىن بىشارەت بەردى.
ئاۋسترالىيىدىمۇ توقۇنۇش بولغان ئىدى
بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە يەتكۈزۈلۈش پائالىيىتى جەريانىدىمۇ شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى تەشكىللەپ مەش' ئەلنى قوغداش نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىدىكى نامايىشقا 8000 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى چىققان. ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، تىبەتلەر ھەم ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىمۇ نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا تەھدىت سالغانلىقى ھەمدە بىر نامايىشچىنى ئۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى. ئاۋسترالىيە ساقچى دائىرىلىرى خىتاي نامايىشچىلارنىڭ قانۇنسىزلىق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى نامايىش جەريانىدا زوراۋانلىق قىلىپ، تۇتۇلغان بەش نەپەر خىتاي نامايىشچىغا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىكەن.
ئولىمپىك مەش' ئىلى، ئىلگىرى كېيىن ئافىنا، لوندون، پارىژ، سانفرانسېسكو، ئىستانبۇل، سېئۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تىبەتلەر ۋە تىبەت ھىمايىچىلىرى، ئۇيغۇرلار ھەم ئىنسان ھوقۇقى ھىمايىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ھەمدە خىتاي ئولىمپىك ھىمايىچىلىرىنىڭ قوللاش نامايىشلىرى ئاستىدا ئاخىرى 30 - ئاپرېل كۈنى خوڭكوڭغا يېتىپ كەلدى.