خىتاي نېمە ئۈچۈن 'كورىيە ئۇرۇشى' ھەققىدە ئۆز خەلقىغە راس گەپ قىلمايدۇ؟

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن، شىمالىي كورىيىمۇ، خىتايمۇ 'ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى'نىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس لىن باۋخۇا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

2010‏ - يىلى 10 ‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەشكىللىگەن 'خىتاي خەلق پىدائىي قىسىملىرى' نىڭ 'ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى'غا ئاتلانغانلىقىغا 60 يىل توشقان كۈن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىمۇ، خىتايمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەپ داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

يېڭى شارائىتتىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پىنيوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە، خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 30 مىڭ ئادەم قاتناشقان. بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەينى زاماندىكى پىدائىي قىسىم كوماندىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى شارائىتتىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىشكە ئىلھام بەرگەن.

ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىسدە بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە 1950‏ - يىلى 6‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى، جەنۇبىي كورىيىگە ھۇجۇم قىلغان. 7 ‏ - ئاينىڭ 7‏ - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 84‏ - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 15 دۆلەت قاتناشقان ب د ت بىرلەشمە ئارمىيىسىنى، شىمالىي كورىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى چېكىندۈرۈشكە ئەۋەتكەن. 1953‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 27‏ - كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن كورىيە ئۇرۇشى توختىغان. بۇ ئۇرۇش دۇنيادا 'كورىيە ئۇرۇشى' دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما كورىيە ئۇرۇشىدا، شىمالىي كورىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇم سېپىگە خىتاي قىسىملىرى قېتىلىۋالغانلىقى بىر سىر.

'خىتاي 60 يىلدىن بۇيان كورىيە ئۇرۇشىنى ئامېرىكا قوزغىغان دەپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ'

مۇستەقىل تەتقىقاتچى لىن باۋخۇانىڭ قارىشىچە، كورىيە ئۇرۇشى سوۋېت ئىتتپاقى ھەربىي قورال چىقىرىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم چىقىرىپ شىمالىي كورىيىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قوزغىغان ئۇرۇش ئىدى. ئەمما، خىتاي 60 يىلدىن بۇيان بۇنى 'ئامېرىكا قوزغىغان ئۇرۇش' دەپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

'كورىيە ئۇرۇشى دېگەن تارىخىي ۋەقە توغرىسىدا، مەن 25 يىل ئالدانغان'

-كورىيە ئۇرۇشى دېگەن تارىخىي ۋەقە توغرىسىدا، مەن 25 يىل ئالدانغان، ‏ - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 'كورىيە ئۇرۇشىنى ئامېرىكا قوزغىغان' دەلىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇ ياش ۋاقتىدا، ھىندونېزىيىدە تۇرۇۋاتقاندىلا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ كەتكەن، كۆپ يىللارغىچە 'كورىيە ئۇرۇشىنى ئامېرىكا قوزغىغان' دەپ يۈرگەن، خىتاي ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكىغا قارشى پائالىيەتلەرگىمۇ قاتناشقان. كېيىن ئۇ خىتايغا كېلىپ ئوقۇغاندىمۇ ئامېرىكىغا قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارى خېروشېف ئەسلىمىسىدە، 'كورىيە ئۇرۇشىنى شىمالىي كورىيە قوزغىغان' دەپ ئىقرار قىلغاندىن كېيىن، ئۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇرمىلىغان تارىخنى بىلىۋالغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدىغان بولغان.

'خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر، كورىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا قىلغان ئالدامچىلىقىنى ئىقرار قىلمايۋاتىدۇ'

- خىتايدىمۇ كۆپ ئادەم كورىيە ئۇرۇشىنىڭ راس ھېكايىسىنى بىلىۋالدى‏ -‏دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەەپندى، - خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بۇ يىل 6‏ - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئېنگىلىزچە چىقىدىغان 'خەلق گېزىتى' دە، كورىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا تارىخشۇناس شېن زىخۇانىڭ نامىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق، كورىيە ئۇرۇشىنىڭ شىمالىي كورىيە قوزغىغان ئۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتاي گەرچە چەتئەللىكلەرگە قارىتا بۇنداق دېگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايچە گېزىت -ژۇرناللارنىڭ ھېچقايسىدا ئۇنداق دېمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 'كورىيە ئۇرۇشى' دەپلا قويىدىغان، ئەمما كىم قوزغىغانلىقىنى ھەرگىز دېمەيدىغان بىرخىل مۈجىمەل ئىپادىلەش شەكلى قوللىنىدىغان بولۇۋالدى. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر، كورىيە ئۇرۇشى توغرىسىدا قىلغان ئالدامچىلىقىنى ئىقرار قىلمايۋاتىدۇ.

'خىتاي ھازىر شىمالىي كورىيىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك'

لىن باۋخۇا نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرمۇ كورىيە ئۇرۇشىنى 'ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى' دەپ خاتىرىلەۋاتقانلىقىدا، يەنە بىر يېڭى خاھىش يوشۇرۇنغان. خىتاي يىللاردىن بۇيان 'كورىيە تارىختا خىتاينىڭ زېمىنى' ئىدى دەپ كېلىۋاتقان ئىدى، ھازىر كىم يوڭئۇننىڭ ئىز باسار بولۇشىنى قەتئىي قوللاپ، شىمالىي كورىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاي بىلەن قان بىلەن يۇغۇرۇلغان دوستلۇقى بار، دېگەننى گەۋدىلەندۈرۈۋاتىدۇ. خىتاي ئەمدى شىمالىي كورىيىنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.