كورلا كۆنچى دەريا چوڭ كۆۋرۈكى 13 يىل بولغاندا گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى
2011.04.13
بۇ كۆۋرۈك دۆلەت تاش يولى 314-لىنىيىسىنىڭ كۆنچى دەرياسىدىن ئۆتۈشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر لىنىيە ۋە كورلا شەھىرىنىڭ قاتنىشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبى ئاخبارات ۋە كىشىلەردە غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە بولماقتا.
كۆنچى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى 314-نومۇرلۇق دۆلەت تاش يولىنىڭ كۆنچى دەرياسىدىن ئۆتىدىغان ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك بولۇپ، 1998-يىلى ياسىلىپ شۇ يىلى 8-ئايدا رەسمىي قاتناش باشلىغان. پولات ۋە سېمونتنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ قۇرۇلغان مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر، كەڭلىكى 24.5 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ كورلا، خوشۇت تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە كورلا-كۇچا تېز سۈرئەتلىك تاش يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان جايغا ئورۇنلاشقان.
بۇ كۆۋرۈكتىن كۈنىگە 15 مىڭچە ئاپتوموبىل قاتنايدۇ. بايىنغولىن قاتناش تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ئاپرېل ئەتىگەندە مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى 12 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر كېلىدىغان بىر بۆلىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكى مەلۇم. خەۋەرگە قارىغاندا گەرچە ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تاش يول قاتنىشىنىڭ تومۇرىدا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە دائىرىلەر مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ قاتنىشىنى پۈتۈنلەي توسۇپ، جىددىي ياساشقا كىرىشكەن.
بۈگۈن قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات سۇلتاننىڭ خىتاي خەۋەر ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، «ياسالغىنىغا 13 يىل بولغان مەزكۇر كۆۋرۈك، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالغان، شۇنداقلا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان قاتناش بېسىمىنى كۆتۈرەلمەي گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.» ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنىڭ چىرىشكە باشلىغانلىقى بايقالغان.
كۆنچى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىگە يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاينىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۆۋرۈكتە بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا چاتاق بارلىقى بايقالغان بولۇپ ھازىرغىچە رېمونت قىلىنمىغان. خىتاي تور بەتلىرىدە كۆنچى دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە باشلانغان مۇنازىرىلەردە، كورلىلىق تور ئابونتلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۇ كۆۋرۈك خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى 15 -ئەترىتى تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ خەتەرلىك بولۇپ قالغانلىقىغا خېلى مەزگىل بولغان بولۇپ، گەۋدىلىك ھالدا چوڭ يېرىق ئىزى پەيدا بولۇپ قالغانغىمۇ بىر قانچە ئاي بولغان ئىكەن.
كۆنچى دەريا چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبى ۋە بۇ كۆۋرۈكنىڭ سۈپەت مەسىلىلىرى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سۈپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما، نۆۋەتچى خادىم ئۆز شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگان باشلىقىغا تېلېفون قىلدۇق، ئۇ كىشى بۇ ۋەقە ھەققىدە باشقا چۈشەندۈرۈش بېرەلمەيدىغانلىقى، بىزنىڭ خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى ئۈزدى.
كورلىدىكى ئاھالىلەرنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلغىنىمىزدا، بىر ئۇيغۇر قىز بۇ كۆۋرۈكنىڭ گۈمۈرۈلۈشتە، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى مەسئۇللىرىنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش، قۇرۇلۇشقا ئاجرىتىلغان ھۆكۈمەت مەبلىغىنى قاقتى-سوقتى قىلغان پارىخورلارنى جازالاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايدا پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدا، خىتاي مۇلاھىزە تور بەتلىرىدە ئەمدىلا 13 يىل بولغان مەزكۇر كۆۋرۈكنىڭ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبىنى «قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ ياكى مەسئۇللىرىنىڭ پارىخورلۇقى، ماتېرىيال پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىدەك سەۋەبلەر بۆلىشى مۇمكىن» دېگەندەك مۇلاھىزىلەر كۈچەيمەكتە. شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ كۆۋرۈكتە ئىلگىرىلا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان تۇرۇپمۇ ھازىرغىچە قاتناش توختاتمىغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. بىرىنچى سۈرەتلىك خەۋەر تورىنىڭ ئانالىزچىلىرى شىنجاڭنى ئاچىدىغان ئاساسلىق غول لىنىيىسى بولغان 314-يولدا، 19 ئۆلكىنىڭ شىنجاڭغا ياردىمى كىرىدىغان بۇ چوڭ قاتناش يولىدىكى كۆۋرۈكنىڭ گۈمۈرۈلۈشى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ مۇلاھىزە قىلغان.
مەزكۇر ۋەقە، بىر يىل بۇرۇن ئاقسۇ بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ پارىخورلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك، پەلەمپەي گۆمۈرۈپ بالىلارنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلىدە مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر دىققەتنى تارتقان قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىگە دائىر ۋەقە بولۇپ قالدى.