رۇس رازۋېتچىكى كورنىلوۋنىڭ "قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان" ماۋزۇلۇق كىتابى - 3

1903 - يىلى تاشكەنت شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ پود پولكوۋنىكى كورنىلوۋنىڭ " قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستان" ماۋزۇلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتى مۇھىم تارىخىي مەنبەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى كورنىلوۋ چار رۇسىيىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا جايلاشتۇرۇلغان تۈركىستان ھەربىي رايونى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ 1899 - يىلى، قەشقەرىيىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مول ماتېرىيال توپلىغان.

ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى بۈگۈنكى تونۇشتۇرۇشلىرىدا ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، كورنىلوۋ بۇ مەسىلىدە ئۆزىگە خاس بىر قاتار يەكۈنلەرنى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ غۇلىشىدا بىرلىككە كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللىي ئىدىيىنىڭ بولماسلىقى سەۋەب بولغان.

كورنىلوۋنىڭ قارىشىچە، ياقۇب بەگ كۈچلۈك، تالانتلىق، مۇستەھكەم ئىرادىلىك بىر كىشى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي قوشۇنىنىڭ سانى كۆپ ۋە ھەربىي ساپاسى ئەڭ ياخشى دۆلەت قۇرالىغان. ئۇ تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيە تەرىپىدىن يەتتە شەھەرنىڭ ئەمىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.