خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى كوسوۋا مۇستەقىلللىق ئېلانىنىڭ قانۇنىيلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى

خەلقارا ئادالەت مەھكىمىسى بۈگۈن كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلانىنىڭ قانۇنىيلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈمنامىدە بىلدۈرۈشىچە، كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلانى خەلقئارا قانۇنلارغا تامامەن ئۇيغۇن. كوسوۋا 2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان ئېلان قىلغان. كوسوۋا مۇستەقىللىق ئېلانى سېربىيىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە ب د ت ئەزالىرىمۇ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئاخىرىدا سېربىيە خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنىيلىقى ھەققىدە يول كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى ھۆكۈمىنى ئېلېان قىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، سېرىبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۆز قىلىپ، ئەگەر مەھكىمە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قانۇنىي دەپ ھۆكۈم چىقارسا ئۇ چاغدا، دۇنيادا مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى كۆپ ساندىكى مىللەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بېشىغا ئاۋارىچىلىق تۇغۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى بۈگۈن ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەھكىمىنىڭ ھۆكۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ھۆكۈمنى قوللاشتا مەيدان بىرلىكىگە چاقىردى.

خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى ب د ت نىڭ ئاساسلىق قانۇن ئورگانلىرىدىن بىرى؛ ئەمما ئۇنىڭ ھۈكۈمى ئىجرائات كۈچىگە ئەمەس، پەقەت مەسلىھەتچىلىك رولىغا ئىگە. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، مەھكىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، ب د ت دا، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

نۆۋەتتە، كوسوۋا مۇستەقللىقىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى 69 بولۇپ، ئەگەر قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ سانى 100گە يەتسە، كوسوۋانىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشىدۇ.

سېربىيە مەزكۇر ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال، ئەگەر مەھكىمە سېربىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسا، چارىسىز قالغان ئەھۋالدىمۇ قارشى مەيدانىنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جو بايدەن، كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاجى بىلەن ئاقاسارايدا كۆرۈشكەن ۋە كوسوۋا دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە شۇ كۈنى سېربىيە پرېزىدېنتى بورىس تادىچقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى رېئال مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلىيەتچان بولۇشقا ۋە ئىجابىي قەدەم ئېلىشقا چاقىرغان ھەم ئامېرىكىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

نۆۋەتتە كۆزەتكۈچىلەر، سېربىيە بىلەن كوسوۋا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. پەرەز قىلىنىشىچە، سېربىيە بۇ ھۆكۈمنى دەرھال قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن؛ ئەمما ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ كىرىش داۋامىدا، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىشى، سىربىيە مۇھتاج بولۇۋاتقان چەتئەل مەبلىغى ۋە چەتئەل تىجارىتىنىڭ يولىنى ئېچىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، كوسۋانىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشاۋاتقان 120مىڭ ئەتراپىدا سېرىپلار بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ قەدەممۇ - قەدەم كوسوۋادىن ئايرىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گۋاردىيان گېزىتىدىكى بىر ئانالىزدا بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىغا، تېررىتورىيىلىرىدە مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە، خىتاي، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر داۋاملىق تۈردە قارشى تۇرۇشى مۇمكىن.

كوسوۋا بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى سېربىستان تەرىپىدىن سېربىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ جاكارلىنىپ كەلگەن. كوسوۋا مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھازىرقى كوسوۋا باش مىنىستىرى ھاشىم تاچىمۇ بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.