خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ كوسوۋا ھەققىدىكى ھۆكۈمىگە قارىتا ئىنكاسلار

خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئەمەسلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەسىلىگە يېقىندىن ياكى ئۇزاقتىن ئالاقىدار تەرەپلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. سېرىبىيە ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، كوسوۋا پارلامېنتى ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئالقىشلاش بىلەن بىللە، ھازىرغا قەدەر كوسوۋانى تېخى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنى،كوسوۋانى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئەمەسلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، مەسىلىگە ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ئالاقسى بولغا دۈلەتلەر، كوسوۋا ھەققىدىكى مەيدانىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكى مەزكۇر ھۆكۈم ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھازىرغا قەدەر كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسپانىيە،گرىتسىيە،سلوۋاكىيە ۋە رومانىيە قاتارلىق 5 دۆلەتنى، كوسوۋا ھەققىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلغان. كوسوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ھازىرغا قەدەر 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ، ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرنى كوسوۋانى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە، ب د ت ئومۇمى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن. سىرىبىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، نۆۋەتتە 55 دۆلەتنىڭ كوسوۋا مەسىلىسىدە تېڭىرقاش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز تەرىپگە تارتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، كوسوۋا ۋە سېرىبىيە تەرەپنى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي يول تۇتۇشقا چاقىرغان. دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىمۇ بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى تەبرىكلىگەن. فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوسوۋانى زىيارەت قىلىپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللاش مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گىرىتسىيە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەرگەن. ئىرانمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، سېرىبىيە تەرەپنىڭ ئەڭ كۆپ تەكىتلەۋاتقىنى " ئەگەر كوسوۋا مۇستەقىل بولۇپ كەتسە، بارلىق دۆلەتلەردە بۆلگۈنچىلىك ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ " مەسىلىسىدۇر. بۇ ھەقتە بۈگۈن ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيە ئىپادە بىلدۈرۈپ، كوسوۋانىڭ ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ باشقا رايون ۋە مىللەتلەرگە ئۈلگە بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە كوسوۋانى قوللاشتا ئىككىلىنىۋاتقان ياكى قارشى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنى خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرغان. سىېرىيە ئاخباراتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەھكىمىنىڭ قارارىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن دۆلەتلەردىن بىرى سىپرۇس بولۇپ، بۇگۇن سىپرۇس مەتبۇئاتلىرىدا مەھكىمىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمى شۇم خەۋەر دەپ خەۋەر قىلىنغان.

شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كوسوۋا بىلەن ئوخشاش شارائىتتا ئىكەنلىكىنى، بىراق دۇنيانىڭ ئۆزلىرىگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بۈگۈن يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سېرىبيەنى رېاللىقنى قوبۇل قىلىشقا، پايدىسىز ۋە ئۈنۈمسىز ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرغان. مەزكۇر كومىتېت يەنە، ئەگەر سېرىبىيە كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش قەدىمنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ كوسوۋا ئەلچىسى، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، يىللاردىن بېرى كوسوۋانى قوللاپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى دېگەن. بۈگۈن سېرىبىيە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېربىيە ھۆكۈمىتىنى كوسوۋا مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا كوسوۋادىكى سېرپلارنىڭ ۋە چېركاۋلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.