1999 - يىلى كوسوۋادىكى ئالبانلارغا ئېلىپ بېرىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ناتو باشچىلىقىدىكى ئارمىيە سېربىيە ۋە كوسوۋاغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن 1999 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە كوسوۋا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرغان. يىللاردىن بېرى بۇ رايوننىڭ سالاھىيىتىنىڭ زادى نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلاردىن بىر نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، كوسوۋا 2008 - يىلى 2 - ئايدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ كوستا رىكا ئۇنى تونىغان. كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا 22 دۆلەت قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 63 دۆلەت كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر بولسا تېخى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.
سېربىيىمۇ ئىزچىل ھالدا كوسوۋانىڭ ئۆزىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار كوسوۋانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇستەقىللىقىنىڭ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئادالەت سوتى مەزكۇر داۋانى رەسمىي كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدى. تارىخىدا تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر داۋاغا يولۇققان خەلقئارا ئادالەت سوتى داۋا بويىچە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ.
سەيشەنبە كۈنىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سېرب دىپلوماتلار ۋە ئادۋوكاتلار ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ياقىلاپ ئۆتتى. سېرب ۋەكىل دۇسان باتاكوۋىچ سۆزىدە رايوننىڭ يالغۇز بىر تەرەپنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئايرىلىپ چىقىشىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ب د ت قانۇنلىرىغىمۇ ۋە سېربىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە، كوسوۋانىڭ سېربلارنىڭ تارىخى ماكانى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلە سېربلارنىڭ كىملىكىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كوسوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسكەندەر ھاسەنى بولسا، "كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا كوسوۋا ئەمەس ، بەلكى رايوننىڭ تېنچلىقى ئۈچۈنمۇ مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى"نى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە: "بىز سېربىيە بىلەن باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت ھەر قانداق دىئالوگنى قارشى ئالىمىز ، لېكىن مۇستەقىللىقىمىز تالاش - تارتىش قىلىنىدىغان ھېچقانداق سۆھبەتنى قوبۇل قىلمايمىز، دېدى ۋە : "كەينىگە قايتىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس" دەپ ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە ، مەزكۇر داۋا جەريانىدا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق 30 ئەتراپىدا دۆلەتمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدىكەن. ب ب س'نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىسمى ئېنىق ئاشكارىلانمىغان بەزى دۆلەتلەر سوتتا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى "بۆلگۈنچىلەرگە" مۇ يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ئەمما كوسوۋا تەرەپ بولسا مۇستەقىللىقنى بىكار قىلىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ رايوندا قايتىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىشى ئۈچۈن "پىلتىگە ئوت ياققان" بىلەن باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشچە، خەلقئارا ئادالەت سوتى 10 قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش سوتىدىن كېيىن ، مەزكۇر داۋا ھەققىدە قارار چىقىرىدىكەن. سوتتا ئىسپات بېرىش يىغىنى 11 - دېكابىردا ئاياقلىشىدۇ. رەسمىي قارارنىڭ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئاشكارىلىنىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. گەرچە سوت ئاخىرىدا چىققان قارارنىڭ ھېچقانداق قانۇنى كۈچى بولمىسىمۇ (مەزكۇر سوتتىن چىققان قارار قانۇنلاشتۇرۇلمىغان قارار بولسىمۇ)، يەنىلا بۇندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇش - تونۇماسلىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
سېربىيە دائىرىلىرى بولسا ئىزچىل ھالدا تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كوسوۋانى مۇستەقىل دۆلەت دەپ تونۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسز پائالىيەت قىلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.