كوسوۋا سېربىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، 2008 - يىلى 2 - ئاينىڭ17 - كۈنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سېربىيە دائىرىلىرى خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ھەققىدە قارار بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسى بولسا، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.
ئاپتور، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ كوسوۋا ھەققىدىكى ھۆكۈمىگە قارىتا، بېلگراد دائىرىلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلەش ئەمەس، بەلكى پەرۋا قىلماسلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن ماقالىسىنى باشلايدۇ.
ئۇ، خەلقئارا ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىنىڭ، كوسوۋانىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭمۇ، خەلقئارا قانۇنغا زىت بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يېڭى باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "نۆۋەتتە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىسپانىيە كوسوۋانى يەنىلا سېربىيىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەھكىمىنىڭ بۇ قارارى سېربىيىگىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىكى مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن، مۇستەقىللىقنى قانداق ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە، كوسوۋا ياخشى بىر ئۆرنەك بولۇپ بەردى. بولۇپمۇ، كۇئېبەكتىكى مۇستەقىلچىلەر بۇ ھۆكۈمدىن سۈيۈنمەي قالمىدى " دەپ يازىدۇ.
چېچەن ۋە تاتارلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن رۇسىيە بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي دائىرىلىرى، بۇ خەلقلەرگە ئۆرنەك بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى يەنىلا رەت قىلىپ كەلمەكتە. مىلان ماركوۋىچنىڭ "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدىكى بۇ ماقالىسىدە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كوسوۋا بىلەن كۇئېبەك ئوتتۇرىسىدا باغ قۇرۇلۇشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كانادانىڭ كوسوۋانى ئېتىراپ قىلغاندا، بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كوسوۋانىڭ " ئەھۋالىنى ئۆزگىچە" قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەندى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى، ئادالەت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن، ئۆز قىممىتىنى يوقاتتى. مەھكىمە پەقەت خەلقئارا ھوقۇقتا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى ھەققىدە، ئوخشىمىغان رادىكال قاراشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىلا تىلغا ئالدى.
مەھكىمە يەنە، مۇستەقىلچى مىللەتلەر مەۋجۇت بولغان دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش مەجبۇريىتىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ئۈچۈن، ھېچبىر توسالغۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم چىقاردى دەپ يازىدۇ. ئۇ يوقىرىقى ھۆكۈمنىڭ كۇئېبەك مۇستەقىلچىلىرىگە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: بۇ ئەھۋالدا،كۇئېبەك مىللىي مەجلىسىنىڭ كۇئېبەكنىڭ ئوچۇق - ئاشكارىلىق قانۇنىدىكى مەجبۇرىيەتلەر بويىچە، بۇ شىتاتنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ، ئاۋارە بولماستىن، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچ نەرسە قالمىدى. كۇئېبەكتىكى مۇستەقىلچىلەردە، ئوچۈق ئاشكارىلىق قانۇنىغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈن كۈچنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىش، تېخىمۇ توغرا دېگەن قاراش شەكىللەندى، دەپ يازىدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە، كوسوۋا ئۆرنىكىنىڭ، كۇئېبەك مۇستەقىللىقى قارشىسىدىكى كانادانىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ قويغانلىقى ۋە كۇئېبەك مۇستەقىلچىلىرى ئۈچۈن، تېپىلغۇسىز پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: ئەگەر كانادا دائىرىلىرى كۇئېبەكلىكلەرنىڭ تەلەپلىرىگە بويۇن ئىگىشنى رەت قىلسا، ئۇنداقتا كۇئېبەك ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى مۇمكىن. كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلغان كانادا، نۆۋەتتە ئىنتايىن قېىيىن ئەھۋالدا قالدى. باشقا خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قوللاش ئالىجاناپلىق ھېسابلانسىمۇ، بۇ كانادانىڭ كۇئېبەككە قارىتا تۇتقان مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم زەيىپلەشتۈردى، دەپ يازىدۇ.
كۇئېبەكلىكلەر 1980 - ۋە 1995 - يىللىرى بۇ شىتاتنىڭ كانادادىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇشىنى، ئومۇمى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويغان بولۇپ، 1995 - يىلى، ئۇلار 1 % گە يەتمىگەن ئاۋاز پەرقى بىلەن فېدېرال دۆلەتنى ياقلىغۇچىلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى.
ھازىرغىچە ئامېرىكا، كانادا ۋە ئەنگىلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 69 دۆلەت كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.