كوسوۋادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 8 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرۇلتاي يىغىنى 2009 ‏ - يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 20‏ -، 21‏ - ۋە 22 ‏ -كۈنلىرى كوسوۋانىڭ پايتەختى پىرىشتىنادا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا 20 دۆلەتتىن ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىلاتىغا ئەزا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇز ۋە ئابلىكىمخان مەخسۇم قاتارلىق مەسئۇللار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇز سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىش تارىخى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە تەلەپ سۇندى.

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە ئۆزىنىڭ رەسمىي تور بېتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى نەجىمى سادىق ئوغلى مۇنداق دېگەن: "شەرقىي تۈركىستاندا ۋىجدانلارنى ئازابلايدىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى ۋە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئەيىبلەيمىز ۋە ئىنساپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئىسلام دۇنياسىنىمۇ ئۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت ئەھۋالىنى ئاڭلاشقا ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىمۇ كەشمىردىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىق دەۋاسىغا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئىرادە بىلەن ئىگە چىقىدۇ."

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان چوڭ بىر تەشكىلات بولۇپ، 2005 ‏ - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان، بۇ تەشكىلاتقا 20 دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان 166 ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەزا بولغان. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ 2007 ‏ - يىلى بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان بولۇپ خىزمەت پائالىيەتلەردە بۇ تەشكىلات بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە.

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى قۇرۇلغانغا تېخى 4 يىل بولغان قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقئارالىق چوڭ يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇپ كۈچلۈك بىر شەكىلدە پائالىيەت قىلىپ كەلدى ۋە نۆۋەتتىكى ئىسلام دۇنياسى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.