تۈركىيە ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى «خىتاي، تۈرك رايونىنىڭ ئىشىكىنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاچتى» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىشىپ، «ئاپپاراتىمدىكى شىنجاڭ» دېگەن تېمىدا فوتو سۈرەت زىيارىتى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، نېگىرىيە، مالايشىيا قاتارلىق 10 دۆلەتتىن كەلگەن 14 كەسپىي فوتوگراف قاتناشقان.
بۇ فوتو مۇخبىرلىرى ئارىسىدا «شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل» دېگەن تېمىدا فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۇلار 15-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا قارىتا ئون نەچچە كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن يولغا چىققان. زىيارەتلىرى ئاخىرلاشقاندا، تارتقان سۈرەتلىرى باھالىنىدىكەن. باھالاش نەتىجىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەتتە چەتئەل ۋە خىتاي فوتو مۇخبىرلىرىغا قارىتا ئالدىنئالا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ پرىنسىپى، رامكىسى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. يەنى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلغان تەرەپلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان ئىلغار تەرەپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش چەمبىرىكى بەلگىلەپ بېرىلگەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى چەككەن يەنە بىر تەرىپى، پەقەتلا بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، غەرب ئەللىرى مۇخبىرلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىق مەسىلىسىدۇر. خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئالايىتەن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تەكلىپ قىلىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل » تەشۋىقاتىغا سالماقچى بولىدۇ؟ ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. دىققىتىڭلار بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە بولغاي.
خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى تەپسىلىي مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل» مۇسابىقىسى 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئاخبارات ساھەسى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 15-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭمېي قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «شىنجاڭغا بولغان قىزىقىشىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، شىنجاڭنى چۈشىنىش ئارزۇسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى »نى تىلغا ئېلىپ، «ھەرقايسى دۆلەت فوتو مۇخبىرلىرىنىڭ فوتو خاتىرە سۈرەتلىرى ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا ھازىرقى پارلاق، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.