" كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر تۈركچە نەشر قىلىندى

ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىم يازغان "كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن ناملىق ئەسەر تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. كىتابنى شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

0:00 / 0:00

كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ئاپتور سۆيۈنگۈل چانىشېف خانىمنىڭ ياشلىق چېغىدىكى رەسىمى، ئارقا مۇقاۋىسى بولسا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان شەرقىي تۈركىستان دېگەن خەتلەر بىلەن بېزەلگەن. كىتاب 2006 - يىلى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئىدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان قارا بوران نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، كۈرمىڭلىغان ئائىلىنىڭ ئوچىقىنى ئۆچۈرگەن ئىدى. كۆڭۈللىرىگە ئۇلۇغ ئارزۇ ‏ - ئارمانلارنى پۈككەن بىلىم ئاشىقى، ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ ئارزۇ ‏ - ئارمانلىرىنى كۆككە سورۇپ، ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى غازاڭ قىلغان ئىدى.

ئەنە شۇ ياشلارنىڭ بىرى بولغان سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولۇپ، بۇ يولدا كۈرەش قىلغان ئىدى. ئۇ مانا بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. كېيىن ئاۋسترالىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان سۆيۈنگۈل جانىشېف خانىم ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ مۇدھىش يىللاردىكى ئەسلىمىلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان ئىدى.

" كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى 735 بەتتىن، تۈركچىسى 630 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابتا ئاپتورنىڭ 1960 - يىلىدىن 1980 - يىلىغىچە بولغان كەچۈرمىشلىرى ۋە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرى بايان قىلىنغان. ئەسەردە ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئۆز پېتى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ كىتابنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇ كىتابتا ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ بايان قىلىنىشى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ھەقىقىي يۈزى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ۋە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.