ئەمما خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئەسلىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنلىرىنىمۇ ھېچقاچان ئىجرا قىلىپ باقمىغان بولۇپ، گەرچە بۇ قېتىم ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن تەقدىردىمۇ، بۇ قانۇنلار يەنىلا قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق شوئار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى جاڭ نەننىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىبى، خىتاي مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور خاۋ شىيۈەن 28 - مارت كۈنى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتايدا، خىتايدىكى 5 ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پروفېسسور خاۋ شىيۈەن سۆزىدە، بۇ قېتىملىق ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئاساسلىقى ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت جەھەتتىكى ھوقۇقى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر گەۋدىلىك ھالدا كاپالەنلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ بۇ قېتىملىق ئاپتونوم رايون قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ قاچان تاماملىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن يېڭىلاش قەدىمى بىر قەدەر تېزرەك بولماقتا ئىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئاساسلىقى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ سىياسىي - قانۇن جەھەتتىكى ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. مەسىلەن، بۇ قېتىملىق قانۇن لايىھىسىدە دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان " چوڭ تىبەت" تەشەببۇسى دۆلەتنى پارچىلاش غەرىزىدە بولغانلىق" دەپ قارىلىپ، خىتاينىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا زىت دەپ رەت قىلىنغان. كىشىلەر تەرىپىدىن" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇستەقىل كىنەزلىك" دەپ قارىلىۋاتقان " بىڭتۇەن" مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئەمما، خىتايدىكى مىللەتلەر قانۇنى ھەم مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىگە نىسبەتەن سوغۇق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بۈگۈن "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ھەم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى. "خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئەسلىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان ۋاقتى دەل 2008 - يىلدىكى تىبەت ۋەقەسى ھەم بۇلتۇرقى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىنكى مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىدا مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن 1989 - يىلدىكى 4 - ماي ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ مەسىلە تاشلاپ قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېچقاچان ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى ھەم ئۆز خاتالىقىنى تۈزىتىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ."
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئېلشات ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون قانۇن لايىھىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىكى ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ قېتىملىق قانۇن لايىھىسىدە، پەقەتلا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى مەسىلىلەرلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەقىقىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق جەھەتتىن باراۋەر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خۇ پىڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا پەقەتلا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسەلدۈرۈشنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە ماددىي جەھەتتىنلا ئازراق مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق، ئۇلار تەلەپ قىلىۋاتقان ھەقىقىي ھالدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلار مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ قانۇن جەھەتتىن باراۋەر بولۇش تەلىپىنى ئويلاشقىنى يوق، بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى، مەدەنىيىتىنى ئاياق - ئاستى قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 60 يىلدىن بۇيان بۇ رايون خەلقىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەقىقىي مەنپەئەت بېرىپ باقمىدى. بۇنداق بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ - دە. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا، ئۇلارنىڭ دالاي لاما ئوتتۇرىغا قويغان "چوڭ تىبەت" لايىھىسىنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەننى بىكار قىلماسلىقى، رايونغا كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكىشى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇۋاتماقتا."
ئېلشات ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلايمىز دېيىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە، رايوندا ساقلىنىۋاتقان مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلارغا قانۇن جەھەتتىن ھەقىقىي باراۋەرلىك ھوقۇقى بېرىشنى خالىمىغانلىقىنى، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايونلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىلا بىر قېتىملىق ئالدامچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى بولسا، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە قارىتا ھېچقانداق ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "مەن خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولمايمەن. مېنىڭچە ھازىرقى مەسىلە پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگىلا قارىتىلغان قانۇن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي دۆلىتىدىكى خىتاي مىللىتى رايونىدىكى قانۇندىمۇ زور مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش نىيىتى ھېچقاچان بولغىنى يوق."
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاينىڭ بۇ 60 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتىنى مۇستەملىكە ھەم بۇلاڭچىلىق سىياسىتى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئاپتونومىيە ھوقۇقى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىمىز دېگىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە يەنىلا بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار پەقەت ئۆز زېمىنىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي قولغا ئالغاندىلا، ئۆز بايلىقىدىن مۇستەقىل پايدىلىنىپ، ھەقىقىي دېموكراتىيىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.