كۆپىنچە خىتاي زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتنىڭ، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتپەرەسلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى خىتاي جەمئىيىتىدە ئۆز-ئارا ئىشەنچنىڭ زاۋال تېپىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىماقتا.
فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئاننا 13-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان «خىتاي جەمئىيىتى خەلقنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلماقتا» ناملىق ماقالىسىدە خىتاي دۆلىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشەنچ كرىزىسىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ كرىزىسنىڭ گەۋدىلىك ھالدا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۈگىگەنلىكى، ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۈگىگەنلىكى، ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۈگىگەنلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر ماقالە يېقىندا خىتايدا ئېلان قىلىنغان «راي سىناش نەتىجىسى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە، مۇتەخەسسىسلەرگە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىشەنچ دەرىجىسىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» ناملىق ماقالە بىلەن «خىتاي جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچتىن مەھرۇم بولۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە» ناملىق ئىككى ماقالىنى مەنبە قىلغان بولۇپ، خىتايدىكى ئىشەنچ كرىزىسىنىڭ خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، غەرب ئاخبارات ساھەسىدىمۇ دىققەت قوزغاۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە خىتايدىكى بۇ ئىشەنچ كرىزىسىنى پەيدا قىلغان ئاساسى ئامىللار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ھۆكۈمەتنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك يالغانچىلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالدامچىلىقى، پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پارىخورلۇققا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرى، ئاممىباب ئىلىم ساھەسىدە باش كۆتۈرگەن ساختىكارلىقلار، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس يالغان-ياۋىداقلار.
خىتاي جەمئىيىتىدە ئېغىر مەنىۋى يىمىرىلىش كەلتۈرۈپ چىقاردى. مانا بۇنىڭ تەسىرىدە خەلق ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەيدىغان، پۇقرا ئەمەلدارغا ئىشەنمەيدىغان، ئىستېمالچى تىجارەتچىگە ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا كىشى بىلەن كىشى بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىش خەلق ئاممىسىنىڭ بىرخىل كوللېكتىپ ئېڭىغا ئايلاندى. ئىشەنچسىزلىك ئومۇمىيلىققا ئايلانغان بىر جەمئىيەت جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆز ئالدىدا قەد كۆتۈردى.
مەزكۇر ماقالىدە خىتايدا ئىشەنچنىڭ زاۋال تېپىشىغا سەۋەب بولغان ھېقىقى ئامىل يەنىلا ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان. بۇنىڭ بىرى؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك يالغانچىلىقى. ئىككىنچىسى؛ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ يالغانچىلىقى. ئۈچىنچىسى؛ ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يالغانچىلىقى. بۇ ئۈچ يالغانچى بىر مىليارد 300 مىليون ئادەم ياشايدىغان پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدە ئىشەنچنىڭ كرىزىسقا پېتىشىغا سەۋەب بولغان. ئاقىۋەتتە، بۇ دۆلەتتە كىشىلەر دائىم بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىدىغان، بىر-بىرىگە يالغان سۆزلەيدىغان، بىر-بىرىنى ئالدايدىغان بولۇپ كەتكەن. ئىككى ياشلىق بىر بالىنى ئاپتوموبىل باستۇرۇۋەتسە، 80 ياشلىق بىر بوۋاي كوچىدا يىقىلىپ قالسا، بىر ئايال پويىز رېلىسىغا يىقىلىپ چۈشسە ئەتراپتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئېرەنسىز يولىغا مېڭىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ پاجىئەلىك رەۋىشتە ئۆلۈپ كېتىشىگە پەرۋا قىلمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان.
ماقالىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك يالغانچىلىقى ھەققىدە توختالغاندا، خەلق ئىچىدە ھازىر «كىمكى ھۆكۈمەتكە ئىشەنسە، تەڭرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كېتىدۇ» دەيدىغان نەقىللەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ مۇتلەق زاۋال تاپقانلىقىنى بايان قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ داۋاملىق يالغان سۆزلەيدىغانلىقى، ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغانلىقى، خەلقنى قايمۇقتۇرىدىغانلىقى ۋە ئالدايدىغانلىقى توغرىسىدا مىساللار كەلتۈرۈلگەن. ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ ھەق تەرەپتە تۇرماي، دائىم ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇغان سىزىقىدىن چىقمايدىغانلىقىنى، يالغان مەلۇمات ۋە يالغان دوكلاتلار بىلەن خەلقنى ئالدايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ جان بېقىشنىڭ كويىغا كىرىۋالغان تىرىكتاپلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھەققىدە ئەسلى مەنبەدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ كومپارتىيىنىڭ زۇۋانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، ئاددىي خەلقنىڭ، زىيالىيلارنىڭ، دېموكراتلارنىڭ ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ يۈرەك سادالىرىغا بۇ دۆلەتتە پىكىر سەھنىسى قالمىغانلىقى، قىلچە نومۇس قىلماي، تامامەن يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ روھىنى زەھەرلەپلا قالماي، مەنىۋى يىمىرىلىش، ئەخلاقىي چىرىكلىشىشكە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.