10 ‏ - ئاۋغۇست كۇچار ۋەقەسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى تۇتقۇنغا ئۇچرىدى

10 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچار ناھىيىسىدە يەرلىك قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ شۇ جايدىكى خىتاي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى كۇچادا كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا دائىرىلەر شۇ قېتىمقى ۋەقەگە قاتناشقان قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى بەرمىگەن.

10 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچار ناھىيىسىدە ئۇيغۇر قارشىلاشقۇچى كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر ناھىيىدىكى خىتاي سودا ئەسلىھەلىرىگە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىپ 3 كۈن ئۆتمەي يۈز بەرگەن ئىدى. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە تىغ ئۇچىنى ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا قاراتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئۆلگەن ياكى ئۆزىنى پارتىلىتىۋالغان 10 كىشىلىك قارشىلاشقۇچى گۇرۇھنىڭ ئىچىدىكى كۇچار 7‏ - رايوندا ئولتۇرىدىغان ئەخمەتجان توختى ۋە بۈۋى مەريەم ئىسىملىك قارشىلاشقۇچىلار ئۆز ئارا ئەر - ئاياللار بولۇپ، ئەخمەتجان توختى ساقچىلار بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، بۈۋى مەريەم بولسا ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا بۇ يىل 24 ياشلاردىكى ئەخمەتجان بىلەن بۈۋى مەريەمنىڭ ئەمدىلا 10 ئايغا تولغان بوۋىقى بارلىقىنى، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ بوۋاقنى ئېلىپ كەتكەنلىكى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بوۋاقنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۇچادىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" گە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ " ئۆلۈم - كۆرۈملۈك ۋە شەپقەتسىز" ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جاڭ خەيلۇن، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ "يىلتىزىنى قۇرۇتىۋېتىش"نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىز ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن مەزكۇر ئورگاندىكى خادىملار ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.

دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىدىكى بىر خىتاي كادىرى،" مېنىڭ بۇ مەسىلىدە سىزگە پىكىر بىلدۈرۈش ھوقۇقۇم يوق. بۇ ئىشنى ياخشى بىلمەيمەن ... كەچۈرۈسىز. مەن بۇنىڭغا ھوقۇقلۇق ئەمەس،" دەيدۇ. لېكىن ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا ئاممىۋى ئورگانلار ۋە ج خ سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلار، جەمئىيەتتىكى خەلقنىڭ ناھايىتى ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ناھايىتى جىددى تىزگىنلەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىش تەس ئەمەس.

يۇقىرىقى سۆھبەت مۇخبىرىمىز بىلەن كۇچار ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر كادىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۈۋى مەريەمنىڭ بوۋىقى بىلەن تەڭ يەنە ئۇنىڭ كۇچار يېڭى شەھەردە " ئىخلاس سودا بازىرى" ئاچىدىغان ئاچىسى ۋە دۇكاندىكى خىزمەتچىلەرنى قولغا ئالغانلىقى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن خەۋەردە بۈۋى مەريەمنىڭ ئاچىسىنىڭ ئىسمى، دۇكاندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىسىم شەرىپى بېرىلمىگەن. ئەمما مەزكۇر ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولسا بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمىگەن.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان توختىنىڭ 60 ياشلاردىكى دادىسى توختى تاي، ئانىسى، ئىنىسى مۇساجان توختى، ئاكىسى مەمەت توختىلارنىڭ بارلىقى، بىر سىڭلىسىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن يېقىندا قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۇچار ناھىيىسىنىڭ 7 - رايونىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلە خانىمى، 10 - ئاۋغۇست ۋەقەسىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئۆزىنىڭ بىر ئائىلە ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋە كۇچادا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ ئىككى رايوندا رەسمى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 1000 غا يەتكەنلىكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتقۇنلارغا تۈرمە يېتىشمەي يەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بۇ خەۋەردە يەنە، كۇچادىكى نامدار دىنىي زاتلارنىڭ بىرى بولغان ئادىل قارى ئىسىملىك ئىمامغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ئۇ 10 - ئاۋغۇست ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر كۇچادىكى ھۇجۇمغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ ئادىل قارىم ئىمامەتچىلىك قىلىدىغان مەسچىتنىڭ جامائەت ئەھلى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئىمامنى جازالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى جاۋابكارلىققا تارتىش خىتاي قانۇنىنىڭ ئۆزىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشىنى ئۆتۈندى.

خەۋەرلەردە خىتاي بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ كۇچار ناھىيىسىدىكى يېزا - كەنتلەردە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، يېزا پۇقرالىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلىنىشىنى، ساياھەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا مەسچىتكە كىرگۈچىلەرنى ياكى ئائىلىسىدە مەخپىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ، "سىياسى ئۆتكەلدىن" ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.