مۇتەللىپ ھاشىم سۆزىدە يەنە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ 15 ياشلىق قىز خەلچەم ئابلىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
يەنە يىغىندا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىككى ئايال ھۇجۇمچىدىن بىرى ۋەقەدە ئۆلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكى ياكى ئۆزىنى پارتلاتقانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن. 15 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى خەلچەم ئابلىز ۋەقەدە، 17 يېرىدىن يارىدارلىنىپ قولغا چۈشكەن. يەنە ئاخبارات يىغىنىدا 15 ھۇجۇمچىنىڭ خىتاينىڭ ساقچى ئىدارىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ئائىت سودا ئورۇنلىرى بولۇپ، 17 ئورۇنغا، ئۆزلىرى ياسىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا، ۋەقەدە 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بۇلاردىن بىر نەپىرىنىڭ ساقچى، يەنە بىر نەپىرىنىڭ بىر يولۇچى، قالغان 10 نەپىرىنىڭ ھۇجۇمچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ مەلۇماتقا كۇچادىكى يەرلىك خەلق گۇمان بىلەن قارىماقتا. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى، 8 - 9 سائەت بومبا پارتلىدى، ئوق ئېتىشىشتى، ساقچىلاردىن ئولگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس، دەيدۇ.
تۈنۈگۈن، ساقچى ئىدارىسىغا قوشنا بىر ئاشخانىنىڭ ساھىبى، 10 دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، 8 - 9 سائەت ئوق ئاۋازى چىققان بولسىمۇ، بۇ ئوقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى ياكى يالغۇز ساقچى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدىمۇ، ھۇجۇمچىلاردا ئۆزلىرى ياسىغان بومبىدىن باشقا قورال - ياراق ياكى ئوق - دورا بار - يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
يەنە ۋەقەنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئاساسلىقى ساقچىلارغا بومبا ئاتقانلىقىنى، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم باشلانغان كېچە سائەت 12 يېرىم ۋاقتى، كۇچادا كەچلىك بازار قايناۋاتقان ۋاقىت، بازاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاممىۋى سورۇنلارغا ھۇجۇم قىلمىغان پەقەتلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى، قەشقەردىكى سەمەن يولى ۋەقەسىنى پىسخولوگىيىلىك جەڭ دەپ قارىغان ۋە جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىش دەپ بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئاقسۇدىكى ئاخبارات يىغىنىدىمۇ، ۋەقەنى ۋەھىمە پەيدا قىلىپ جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇش دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى، ۋەقەنى جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزۇش ئەمەس، ئاللىقاچان بۇزۇلغان بىر جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەپ يازماقتا.
كۇچادىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ۋە مىللىي مەيدانىنى ئىپادىلەش، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان زۇلۇمغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈنۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېي كۇچا ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە " بۇ شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ ئىشى، ھۆكۈمەت ئۇلارنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ " دەپ تەھدىت سالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س غا بەرگەن باياناتىدا ۋەقە ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "بىز ئۇزۇندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، زوراۋانلىقنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن، خىتاي پەرۋا قىلماي كەلگەن. بۈگۈنكى ۋەقە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ھەرىكەت."
0:00 / 0:00