خىتاي راستىنلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندىمۇ؟

خىتاي دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى دېگەن داۋراڭغا پروفېسسور ۋاڭ جىسى ئوبزور ئېلان قىلىپ، بۇ چوڭ گەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

0:00 / 0:00

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ جىسى بۈگۈن چەتئەلدە ئېلان قىلغان ئوبزورىغا، خىتاي راستىنىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندىمۇ دەپ ماۋزۇ قويغان. بۇ، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، خىتاي دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى دەۋاتقان چوڭ گەپلەرگە قارشى ھالدا قويۇلغان سوئال ئىدى.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تەسىرى كۈچى، جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، دۆلەتنىڭ سىياسىي تەۋەلىكى، خەلقئارادا تۇتقان ئورنى قاتارلىق تۆت جەھەتتىن بېكىتىپ بولغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تەسىرى كۈچىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سىياسىي تەسىرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈكى ياپونىيىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى كۈچلۈك گەۋدە بولۇپ قالغان دۆلەت، دەپ بېكىتكەن. ئەمما ياپونىيىنىڭ پەن-تېخنىكا كۆچى خىتايدىن كۆپ كۈچلۈك، سىياسىي تۈزۈمى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، ياپون مىللىتىنىڭ ئىنتايىن ئۇيۇشقاقلىقىنى، مۇھىتىنىڭ ساپاسى خىتايدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، گەرچە 20 يىلدىن بۇيان ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خىتايدەك تېز سۈرئەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما مۇقىم، ساپاسى خىتايدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرەلمىگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى ئاسىيانىڭ سىياسىي مەركىزى، ئىقتىسادى يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن. ئەمما گەرچە خىتاي ئاسىياغا ھەدەپ كېڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچنېمىگە يېتەكچىلىك قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي تەۋەلىكىنى، دۇنيادىكى ئاز سانلىق سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، لېكىن سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيىسى ھېچقايسىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە دۆلەت، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتاي دۆلىتى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ خىتاي مىللىتىنىمۇ تېخىچە بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەن، بەلكى سىياسىي جەھەتتە مۇقىمسىز، جەمئىيىتى چوڭ داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان، پارچىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى يوشۇرغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادا تۇتقان ئورنىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان دۆلەت، خەلقئارالىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ مەنپەئەتدارى، لېكىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەت دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە، خەلقئارادا ھېچقاچان ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايۋاتقان، بەلكى يادرو قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكىدىن ساقلىنىش، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ئامالسىز ئىمزا قويۇپ، نائىلاج ھالدا دۇنيانىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى يوشۇرغان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پاكولتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ جىسى چەتئەلدە ئېلان قىلغان بۇ ئوبزورنى، بۈگۈن خەلقئارادا كۆپ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى كۆچۈرۈپ باستى.