يۈننەندىكى بۇ ۋەقە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مېڭليەن ناھىيىسىدە كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن 2 كۈن كېيىن يۈز بەرگەن.
بۇ ۋەقە يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ۋېڭئەن ۋەقەسى ۋە گۇاڭدۇڭ ۋەقەسىدىن كېيىنكى 3 - چوڭ ۋەقە ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى ۋەقە گۇماندارلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۇرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، ئەمما ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇ ئۇ قېتىمقى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. مەتبۇئاتلارمۇ ۋەقەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالمىغان.
خىتاي بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى يۈننەندىكى پارتىلاشنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.