بۇ يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك بولغان جەمئىيەت ئەزالىرى، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قولىدا خىتاي پاسپورتى بار خىتاي پۇقراسى بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ مەسىلە يىغىندا ناھايىتى جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخانمۇ رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر، نەشرىيات ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيە تارىخىمۇ چەكلەنگەن رايون
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدا ئېچىلىۋاتقان قەلەمكەشلەر يىغىنىدا، بۈگۈن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خىتايدىكى ئۇچۇر، نەشرىيات ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە بولدى. مۇھاكىمىدە مۇستەقىل قەلەمكەشلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ مۇھاكىمىدە بېيجىڭدىن كەلگەن ژۇرنالىست گاۋ يۈ خانىم مۇلاھىزىسىدە 'ھازىر خىتايدا تارىختىكى يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى، يەر ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، 4 - ئىيون ۋەقەسى، دېھقانلارنىڭ مۈلۈك قوغداش ھەرىكىتى قاتارلىقلار ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئۈچۈن چەكلەنگەن رايون بولۇپلا قالماي، ھەتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشمۇ چەكلەنمەكتە' دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى بايان قىلىشىمۇ چەكلەنگەن رايون
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ھەققىدە، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى ھەققىدە، ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە ۋە ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ.
'مەن ھازىر جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تەڭلەپ تۇرۇپ، ھەر كۈنى يازىمەن، سۆزلەپ تۇرىمەن'
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، خوڭكوڭدا ئېچىلغان قەلەمكەشلەر يىغىنىدا بۈگۈن مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويغان سىچۇەن يازغۇچىسى رەن يۈنفېي 'كوممۇنىست پارتىيە ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ خەلق گېزىتىنى چىقىرىدۇ، بىزمۇ ھەر كۈنى ئۆزىمىزنىڭ گېزىتىنى چىقىرىۋېرىشىمىز كېرەك، جۇڭگودا كوممۇنىستلاردىن باشقا ئادەمنىڭمۇ ئاغزى بار، شۇڭلاشقا مەن ھازىر جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تەڭلەپ تۇرۇپ، ھەر كۈنى يازىمەن، سۆزلەپ تۇرىمەن' دېگەن.
ئۇيغۇرلار قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشقىمۇ ماھىر بولۇشى كېرەك
ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنلۇق كۈرەش قىلىشقىمۇ ماھىر بولىشى كېرەك.