"قەشقەر ئەدەبىياتى" تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىن ئۈچ يىللىق كېسىلدى

0:00 / 0:00

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمەمەت ياسىن، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا " مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلدى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

نۇرمەمەت ياسىننىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى غۇل - غۇلىلار پەسەيمىگەن شۇنىڭدەك چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىننى ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بۇ كۈنلەردە، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەسىرى ئېلان قىلىنغان "قەشقەر ئەدىبىياتى" ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىننىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.